تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم

ئايگۈل ھىمىت:

ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 11دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ جىددىي سىگنال ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ سېستراسى ئايگۈل ھىمىت يەنە بىر قېتىم جىددىي كېسەل كۆرۈشكە ئاتلاندى.

«ھەدە، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ يۈرىكىڭىز بىئارام بولۇۋاتامدۇ؟ دوختۇرخانىغا كېلەي دەپ قالدۇق، ھازىرلا ياخشى بولۇپ كېتىسىز.» قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يول بويى ئۇچقاندەك ماڭدى، 38 ياشلىق ئايگۈل ئاغرىقنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىنى سەۋرچانلىق بىلەن سورىغاچ، بىر تەرەپتىن ئاغرىقنىڭ قان بېسىمى، تومۇر سوقۇشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچىدى.

بۇ ئايگۈلنىڭ 20 يىللىق سېسترالىق كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى بىر كۆرۈنۈش. بۇ كۈنى ئۇ جەمئىي بەش قېتىم كېسەل كۆرۈشكە چىقتى. بەك ئالدىراش بولغاچقا، سائەت 17دىن ئاشقاندا ئاندىن چۈشلۈك تامىقىنى يېيەلىدى. بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن دائىملىق ئەھۋال ئىدى.

«سېسترالىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپ ماڭا ئاغرىقلار قەيەردە بولسا، مېنىڭمۇ شۇ يەردە بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم!» دېدى ئايگۈل.

2020 - يىلى، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يىللىق دەم ئېلىشىنى ئېلىۋاتقان ئايگۈل مۇددەتتىن بۇرۇن ئورنىغا قايتىپ خىزمەتكە كىرىشتى. ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتتا، كۈندە ئۇدا 20 نەچچە سائەت ئىشلەپ، ئون نەچچە قېتىم كېسەل كۆرۈشكە چىقتى. كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجى بىلەن، ئورۇن مەنپىي بېسىملىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا يۆتكەش گۇرۇپپىسى قۇردى، ئايگۈل بىرىنچى ۋاقىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى.

ھەر قېتىم يۆتكەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئايگۈل ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تولۇق قوراللىناتتى. مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، بەدىنى بەرداشلىق بېرەلمەي قالاتتى. بەزىدە ئۇ دېمى سىقىلىپ بۇرنىدا نەپەس ئالالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كۈچەپ نەپەس ئالاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، كېسەل كۆرىدىغان دوختۇر - سېسترالارنىڭ مۇداپىئەلىنىشىدىن تارتىپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى دېزىنفېكسىيەلەش، جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىقلارغىچە ھەممىسىنى ئەستايىدىل تاماملىدى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۆتكەش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

«شۇ كۈنلەردە، جىسمانىي جەھەتتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەرگىلى بولسىمۇ، لېكىن پىسخىكا جەھەتتىكى ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئەڭ تەس ئىدى. ئاغرىقلار ۋەھىمىگە چۆمگەنىدى، دوختۇر - سېسترالارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئەندىشە قىلاتتى، لېكىن بىز بۇنى قىلچە چاندۇرۇپ قويساق بولمايتتى.» ئايگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئويلاشقىمۇ چولىسى تەگمىگەن بولۇپ، كۆڭلىدە پەقەت ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاغرىقلارغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۆيىگە قايتۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا ئوي بار ئىدى.

قايسى كەسىپنى قىلسا، شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، شۇ كەسىپكە ماھىر بولۇش كېرەك، بۇ يىللاردا ئايگۈل ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش خىزمەت ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈردى: قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ بېرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە ھەمدە ئاغرىقلارنى يۆتكەش مەزگىلىدە، ئايگۈل مېھرىبانلىق بىلەن ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇراتتى.

كېسەل كۆرۈش جەريانىدا، بەزىدە كەيپىياتى ياخشى بولمىغان بىر قىسىم ئاغرىق ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئۇچراپ قالاتتى. «ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدە ئىچى تىتىلداش كەيپىياتى كۆرۈلسە، بىز بۇنى چۈشىنىمىز» دېدى ئايگۈل سەمىمىيلىك بىلەن.

خىزمەت قىلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئايگۈل جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ سېستراسى بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى: بۇ خىزمەتنىڭ تاسادىپىيلىقلىقى كۈچلۈك، ئاغرىقلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئەھۋاللىرى مۇرەككەپ، خەتەرلىك، ئېغىر بولۇپ، تاسادىپىي ئەھۋاللار دائىم ئۇچراپ تۇراتتى. خىزمەتنىڭ سىجىللىقى ئېغىر بولغاچقا، ئايگۈل كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئاغرىقلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا ئاۋۋالقىدەكلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى.

«دادام پارتىيە ئەزاسى، مەن پارتىيە ئەزاسى، سىڭلىممۇ پارتىيە ئەزاسى. مەن دائىم مۇنداق ئويلايمەن، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بار، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بار، مەن سېسترالىق كەسپىنى ئۆمۈرلۈك كەسپىم دەپ بىلىمەن، شۇندىلا ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئەۋلادلارغا ئۈلگە تىكلىيەلەيمەن»، دېدى ئايگۈل.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.