تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۈشۈكئېيىق باش تېما قىلىنغان تۇنجى مەدەنىيەت مۇلازىمەت رايونىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى

تيەنچۈەن مۇلازىمەت رايونى 

  خەلق تورى، چېڭدۇ، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى (گو يىڭ) 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۈشۈكئېيىق باش تېما قىلىنغان تۇنجى مەدەنىيەت مۇلازىمەت رايونى — يائەن كاڭدىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى تيەنچۈەن مۇلازىمەت رايونىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى.

  يائەن كاڭدىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ تيەنچۈەن مۇلازىمەت رايونى سىچۇەندىكى مۈشۈكئېيىق ماكانى دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى يادرولۇق رايونى يائەن شەھىرى تەۋەسىدە بولۇپ، «جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنزىرە داغدام يولى» كارىدورىغا جايلاشقان. بۇ مۇلازىمەت رايونىنىڭ پىلانلاش، قۇرۇش، تىجارەت قىلىش قاتارلىق جەريانلىرىغا مۈشۈكئېيىق ئامىللىرى تولۇق سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى مەيدانلارغا مۈشۈكئېيىق سەنئەتلىك قۇرۇلمىسى، ھەيكەل، تاشيول ئېلان تاختىسى، ھەمتۈرتكە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى، باش تېما يەر رەسىمى ھەمدە خاس يول كۆرسەتمە تاختىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.

  بۇ مۇلازىمەت رايونى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 8400 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تىجارەت كەسىپ ھالىتى غەربچە يېمەك-ئىچمەك، خاس مەززىلىك تائاملار، قەھۋە، چاي-ئىچىملىك، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مودا مەھسۇلاتلىرى، دالىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش سۇپىسىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ مۇلازىمەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى، تىجارىتىنى ئۈستىگە ئالغان تەرەپ سىچۇەن قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسىدە، مۇلازىمەت رايونى يەنە تيەنچۈەن مۇلازىمەت رايونى ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزى، مەدەنىيەت ئېسىل مېھمانسارىيى، مۈشۈكئېيىق باش تېما قىلىنغان كوچا رايونى، ئۆي ئاپتوموبىلى ھەيدەش لاگېرى قاتارلىق خاس ئىقتىدارلارنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېڭىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە تۇيغۇ يارىتىدىكەن.

مۇلازىمەت رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مۈشۈكئېيىق ئامىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ

مۇلازىمەت رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ

مۇلازىمەت رايونىدىكى ئانىلار-بالىلار ئىللىق ئۆيى.

 سۈرەتنى سىچۇەن قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تەمىنلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى