تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يولى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا مەنبەدىن تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە قاتنىشىدىغان، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈلىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاساسلىق نىشان: 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۈزۈم رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ، بىرقەدەر ئىلمىي بولغان ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلەم تولۇقلىمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمىگە ئالاقىدار سىياسەت - تۈزۈملەر تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى «ئۆلچەش قىيىن بولۇش، رەنىگە قويۇش قىيىن بولۇش، سودىلىشىش قىيىن بولۇش، نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش قىيىن بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەنپەئەت يۆنىلىشى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، مۇكەممەل بولغان ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، جۇڭگوچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈلۈپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى كەڭ دائىرىدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

«پىكىر»دە يەنە ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى تىجارەت قىلىش - ئېچىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.