تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەققى ئېلىنمايدۇ!  «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرۈش كۆرسەتمىسى بۇ يەردە

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ جىجۈەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە:

  «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان يوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن)دىن يول يۈرۈش ھەققى داۋاملىق ئېلىنمايدىكەن.

  كونكرېت ھەق ئېلىنمايدىغان ۋاقىت بۆلىكى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0:00دىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 24:00كىچە بولىدىكەن.

   ھەق ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى يوللاردا ئاپتوموبىلنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ئاپتوموبىلنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەق ئېلىنىدىغان يوللاردا يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليون 990 مىڭ، يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليون 110 مىڭ، قاتنايدىغان يولۇچىلار مىقدارى تەخمىنەن 940 مىڭ ئادەم قېتىم بولىدىكەن.

  «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى مۆلچەرلەندى، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن چىقىدىغان يۆنىلىش ۋە دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كىرىدىغان يۆنىلىشنىڭ قاتناش بېسىمى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17:00دىن سائەت 21:00گىچە 1-قېتىملىق شەھەردىن چىقىش كىچىك يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 9:00دىن سائەت 14:00كىچە 2-قېتىملىق شەھەردىن چىقىش بېسىق مەزگىلى كۆرۈلىدىكەن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە بىر قەدەر تەكشى، مۇقىم بولىدىكەن، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 14:00دىن سائەت 20:00گىچە 3-قېتىملىق قايتىشنىڭ بېسىق مەزگىلى كۆرۈلىدىكەن.

  دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىدىغانلار قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي يول بېرىپ، يولنىڭ راۋان، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويايلى، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ئەمەلىي ئۆلچەشتە «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا چارلاپ تەكشۈرۈش» قوللىنىلغان ئىكەن.

  بۇ، ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى ئارقىلىق چارلاپ تەكشۈرۈش شەكلىگە بولغان بىر خىل يېڭى تېخنىكا تولۇقلىمىسى بولۇپ، چارلاپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا يەنە مۇھىت قوغداش، قانۇن ئىجرا قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتكىلى بولىدىكەن.

     كۆپچىلىك دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەپەرگە چىققاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

   1. سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىش، يىغىلىۋېلىش ۋە توپلىشىپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   2. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىلغا ماينى ئالدىن لىق قاچىلاش كېرەك، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توكنى ئالدىن تولۇق قاچىلاش تەكلىپىنى بېرىمىز.

   3. ETC ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلمىغان ئاپتوموبىللارغا  ETC ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ، ھەق ئېلىش پونكىتىدا ETC ئاپتوموبىل يولىدا مېڭىپ، ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى تېجەش تەكلىپىنى بېرىمىز.

   4. ئاپتوموبىل ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، ھەق ئېلىش پونكىتىغا ئورنىتىلغان قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ۋە قاتناش يېتەكلەش بەلگىسى بويىچە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەرتىپلىك ئۆتۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى