تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 115 كارخانىنى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» دېيىلىدۇ) خەينەندە داغدۇغىلىق ئېچىلىدىكەن. ئاپتونوم رايون 115 كارخانىنى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 26 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن، 89 كارخانا يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 150 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۆرگەزمىگە سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئۈزۈم ھارىقى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى قاتارلىق مەھسۇلاتلار قويۇلىدىكەن. مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، چىراغلىق سۈرەت-يېزىق رامكىسى، سىن ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس كارخانىلىرى ھەم داڭلىق ئالاھىدە يېڭى مەھسۇلاتلىرى نامايان قىلىنىپ، تەشۋىق قىلىنىپ، تونۇشتۇرۇلۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن بولغان سودا كېڭىشىشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، كارخانا، مەھسۇلاتلارنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە داڭقى كۈچەپ ئاشۇرىلىدىكەن.

  كۆرگەزمە مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش بويىچە نۇقتىلىق ساھەلەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، ھەمدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەكىللىك كارخانىلار تاللاپ چىقىلىپ، PPT، تەشۋىقات فىلىمى ھەم خاس كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇش بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى تونۇشتۇرىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىپ كىرىشىگە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى