تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ساياھەت ئاۋات پەسلى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يۈ جۈنجيې خەۋەر قىلىدۇ): مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ساياھەت ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرىدىن A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا بەزى مەنزىرە رايونلىرىدا بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يارىلىنىش-ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقان ساياھەت بازىرىغا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى. ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى تەۋەلىك رايون پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە خەۋپ-خەتەرنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسى ۋە تەدبىرىنى ئىلمىي، ھەرىكەتچان تەڭشەپ، A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلاردىكى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسى (2021-يىلى 3-ئاي تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»گە ئاساسەن، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش يۇقىرى چېكىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، كىرىش بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشى؛ خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خادىملارغا ۋاكسىنا ئەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ساياھەتچىلەرنى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە رىئايە قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، ماسكا تاقاش، ئاز ئۇچرىشىش، دائىم دېزىنفېكسىيە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش» ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەنزىرە رايون ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسما يول، ئاسما ۋاگون قاتارلىق ئالاھىدە ئەسلىھەلەرگە بولغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشىگە؛ كەلكۈن مەزگىلىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەنزىرە رايون ئىچىدىكى لەيلەپ ئېقىش، سۇغا چۆكۈش، سۇ ئۈزۈش، سەيلە كېمىسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشىغا؛ بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، مەنزىرە رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش قاتارلىق ئالاقىدار ناملاردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا سودا كۆپتۈرمىچىلىكى قىلىش ياكى تەشۋىق قىلىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سودا خاراكتېرلىك پايدا ئېلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى