تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە خېسۇەن تەكشۈرتۈش كېرەك

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭرەن

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشنىڭ ئالدى - كەينىدە خېسۇەن ياكى ئانتىتېلا تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ؟ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە خېسۇەن تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ؟ ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاشنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قەيسەر ئوسمان يېشىپ جاۋاب بەردى.

قەيسەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن بۇرۇن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بويىچە خېسۇەن ۋە ئانتىتېلا تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىنمۇ ئادەتتىكى ئانتىتېلا تەكشۈرتۈشىنى ئىممۇنىتېتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان - بولمىغانلىقىنىڭ ئاساسى قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن يەنىلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ماسلىشىپ خېسۇەن تەكشۈرتۈش كېرەك.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىدە قوغداش مەغلۇپ بولغانلىقتىن، يەنىلا خېسۇەن تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت چىقىش ياكى كېسەللىك قوزغىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.» قەيسەر مۇنداق دېدى: «پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن، ئايرىم كىشىلەر ئىممۇنىتېت مەغلۇپ بولغانلىقتىن ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئىگە بولالمايدۇ، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر توپىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، بەلكىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبىدىن خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىقىشى ياكى كېسەللىك قوزغىلىشى مۇمكىن؛ ۋاكسىنا ئەملىتىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قوغداش ئۈنۈمى ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەزگىلدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا، خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىقىشى ياكى كېسەللىك قوزغىلىشى مۇمكىن؛ يەنە كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاغرىقلار ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋاكسىنا ئەملەتكەن تەقدىردىمۇ، يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبىدىن خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىقىشى ياكى كېسەللىك قوزغىلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن كىشىلەر توپى يۇقتۇرغۇچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە خېسۇەننى تاسقاپ تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئىسپاتىنى خېسۇەن تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: مەشغۇلاتنى يولغا قويۇش جەريانىدا، ئەگەر بىرىنچى قېتىملىق ۋاكسېنا ئەملەتكەندە ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سىزىمچانلىق ئىنكاسى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ۋاكسىنىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ساقىت قىلغىلى بولمىسا، ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

«ۋاكسىنا ئەملەتكەندە، ۋاكسىنا ئەملەتكۈچى ۋاكسىنا ئەملەيدىغان دوختۇرغا سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە كېسەللىك تارىخى، زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى قاتارلىقلارنى ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك، ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىپ ئىششىش، مۇنەك بولۇپ قېلىش، ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئايرىم كىشىلەردە قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ۋاكسىنىنىڭ ئادەتتىكى ئىنكاسىغا تەۋە بولۇپ، زىيادە جىددىيلىشىش ھاجەتسىز، لېكىن زۆرۈر بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك» دېدى قەيسەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.