تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىڭ!


تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى بېسىپ ئۆتىدىغان، ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان، يول بويى تۆت پەسىلنى ھېس قىلدۇرىدىغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى سانسىزلىغان كىشىنى ئىنتىلدۈرىدۇ.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى

    ئون چاقىرىمدا ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايى، ھەر قەدەمدە بىر مەنزىرە ئالمىشىپ تۇرىدىغان، ئومۇمىي مۇساپىسى 561 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ يولدىكى خەتەرلىك تاغ چوققىلىرى، گۈزەل مەنزىرىلەر كۆپلىگەن ساياھەتچىنى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: تىيانشان تورى

    دىققەت! مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرى كەلدى: «قىشلىق ئۇيقۇ»دىن ئويغانغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار تازىلاش باشلاندى.
    تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار تازىلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. نۆۋەتتە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا بۆلەكلەر بويىچە قاتناش كونترول قىلىندى، خاشىلېگېن-دابەن يول بۆلىكىدە قار يىغىلىپ قالدى. قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مەھەل ئالتە مېتىر ئەتراپىغا يەتتى.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار تازىلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا. مەنبە: تىنچ-ئامان مايتاغ (平安独山子)

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، يىغىلىپ قالغان قارلار قايتا-قايتا ئېرىپ مۇز تۇتۇپ، كۆپ قەۋەتلىك مۇز قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يولنىڭ تېيىلغاق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاشقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن. خىزمەتچى خادىملار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلىغان، ئوڭۇشلۇق بولغاندا بىر كۈندە 200-300 مېتىر يولنى، قىيىنلىق دەرىجىسى بار يول بۆلەكلىرى ياكى پايدىسىز ھاۋارايىغا يولۇققاندا ئاران 50 مېتىر ئەتراپىدا تازىلىغان.

    مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ھەر يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدىن كېيىنكى يىلى 5-، 6-ئايلارغىچە قېلىن قار تاغ يولىنى توسۇۋېلىپ قىشلىق ئۇيقۇ مەزگىلىگە كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاتناشنى كونترول قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرى قار تازىلاش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىنىدىكەن.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: تىيانشان تورى

    بۇ يەردە، كۆپچىلىككە 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى سۇنىمىز:

    2017-يىلى: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى
    2018-يىلى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
    2019-يىلى: 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
    2020-يىلى: 6-ئاينىڭ 13-كۈنى

   بارچە گۈزەللىك ساقلاشقا ئەرزىيدۇ. بۇ يىلقى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كۈتەيلى.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى خەتەرلىك يول بۆلىكى (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

    مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا يول بويى قارلىق تاغ، جىلغا، ئوتلاق، كۆل قاتارلىق ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلەر بار بولۇپ، «شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ تەرىپلەنگەن.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: شىنخۇا تورى

    بۇ يولنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك بۆلىكى ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلاردا سوزۇلۇپ يېتىپ، چوڭقۇر دەريا جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شۇڭا «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «تىيانشان ئومۇرتقىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىرە چوڭ يولى» بولۇپ باھالانغان.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئاجايىپ ئۆزگىچە بولۇپ، يول بويى قىزىل جىلغا، ئەجدىھا كۆلى، ئورمان، چىملىقلاردىن كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، يىراقنى ئاپئاق قارلار قاپلاپ، قۇلاق تۈۋىڭىزدە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ.


مايتاغ چوڭ جىلغىسى ( ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: قاراماي گېزىتى
تاڭبالى مەنزىرە رايونى (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: تىيانشان تورى

    تاشيول بويىغا تىيانشاننىڭ سىرلىق چوڭ جىلغىسى، خۇڭسەن تاش ئورمىنى، كۇچا چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى، نارات يايلىقى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى جايلاشقان...

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: تىيانشان تورى

    بىر بۆلەك يولنى قويۇق كۆلەڭگە قاپلىغان بولسا، بىر بۆلەك يولدا قارلار لەپىلدەپ يېغىپ تۇرىدۇ، بىر ئەگىمدە ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرگەن بولسىڭىز، بىر تاغنى ھالقىپ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىققا ئېرىشىسىز.

ساياھەتچىلەر خاشلېگېن-دابەندە قانغۇچە قار تېيىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت) مەنبە: تىيانشان تورى

    بىر كۈن ئىچىدە مەنزىرە ۋە شەيئىلەر توختىماي ئۆزگىرىپ، تۆت پەسىل ئالمىشىپ تۇرىدۇ، بۇ جاينىڭ گۈزەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: تىيانشان تورى

    مايتاغ-كۇچا تاشيولى خەتەرلىك بولۇپ، لىنىيە بويلاپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كۆرۈش سېزىمىدىكى كاتتا زىياپەت، بەدەن ئىقتىدارىغا ئېلان قىلىنغان جەڭ، تېخىمۇ مۇھىمى يول ياساش روھىغا بولغان ھۆرمەت بىلدۈرۈش.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى مۇزېيى (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: مايتاغ ساياھىتى

    مايتاغ-كۇچا تاشيولى مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1700 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆرگەزمە كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مۇقەددىمە زالى، شەھەر، تارىخ، مەنزىرە، ئاخىرقى زالدىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن.

بۇ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان، پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئىئانە قىلغان يول ياساش بۇيۇملىرى (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: تىيانشان تورى

    ئىگىلىنىشىچە، مۇزېينى قۇرۇش مەزگىلىدە، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى توپلاش خىزمەتچى خادىملىرى 27 شەھەرگە بېرىپ، نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، يول ياساشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر ۋە ئەينى يىللاردىكى تارىخقا گۇۋاھچى بولغان 200دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى زىيارەت قىلغان.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ياسىغاندا ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەر (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: شىنخۇا تورى

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ياسىغان چاغدىكى جەڭچىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە نەرسە-كېرەكلىرى (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: شىنخۇا تورى

    1000 پارچە(يۈرۈش)دىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، ھۆججەت-ماتېرىيال، 1540 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي سۈرەت توپلانغان. مۇزېي تارىخىي سۈرەتلەر، قىممەتلىك ھۆججەت-ماتېرىياللار، ئەمەلىي بۇيۇملار، ھەيكەل، ئۈن-سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا نامايان قىلغان.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ياسىغان ئۈچ پېشقەدەم ئەسكەر مايتاغ-كۇچا تاشيولى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: تىيانشان تورى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەرگە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى سىجىل ئاشتى، كىشىلەر ھەر خىل شەكىل ئارقىلىق «مايتاغ-كۇچا تاشيولى گۈزەل مەنزىرىسىنىڭ ئون يىللىق پەۋقۇلئاددە جاپا-مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تەستە قولغا كەلگەنلىكى»دىن ئىبارەت باتۇرانە يول ياساش ھەرىكىتىنى خاتىرىلەپ، «ئەڭ گۈزەل تاشيول»، «قەھرىمانلار يولى»دا داكا قىلدى.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى تازىلىق ئۆيى. مەنبە: مايتاغ لىنىيەسى باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋېيبوسى
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئۈزلۈكسىز سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەتتىن، تېخىمۇ كۆپ گۈزەل مەنزىرىدىن بەھرىمەن بولدى، تاشيول بويىدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا يەنە ئىككىلىك كود تەسىس قىلىندى، ساياھەتچىلەر يان تېلېفونىدا كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئەمەلىي ۋاقىت ئۇچۇرىنى بىلەلەيدۇ.

مايتاغ -كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: شىنخۇا تورى

    مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل، دەرھال ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇڭ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى