تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشايلى

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى قەلبكە پۈكۈپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئالىي مائارىپ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى، يېتىشتۈرۈش سۈپىتى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى، ئىلىم - پەن بىلىملىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ جىددىي بولماقتا.

بىر دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەر توپىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىغا ئېھتىياجلىق، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەر توپىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەر ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى ۋە يىلدا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە باش ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن كۆلەمنىڭ كېڭىيىشى ھەرگىزمۇ سۈپەت ۋە ئۈنۈمنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىش دۆلىتىمىز ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگودىكى دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆنى ياخشى باشقۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولۇشى كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، بىز قۇرماقچى بولغان دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپى دەل ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. «ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر تومۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن - تېخنىكىدىن ئىبارەت بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت بىرىنچى بايلىقنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا ئىنتىلىش چېكى يوق، ئۈزلۈكسىز ھالقىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار چاسا سېپىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پەنلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشىدىكى «كاتالىزاتور»نى ياخشى ئىشلىتىپ، ئاساس پەنلەرنىڭ يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەنلەرنىڭ كەسىپ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى سانائەت پېنى، يېڭى تېببىي پەن، يېڭى يېزا ئىگىلىك پېنى، يېڭى ئىجتىمائىي پەن قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام ئىلىم ئېكولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان، ئۈنۈملۈك ئىلىم ئىدارە قىلىشنى كاپالەت قىلغان، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان داشۆلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «گالنى بوغىدىغان» ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىدا باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل مائارىپ مەدەنىيەت دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇرۇپ، يەر شارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

چىڭخۇا داشۆسى دۆلەت ۋە مىللەت خەتەرلىك، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، دۆلەت ۋە مىللەت گۈللەنگەن ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان. چىڭخۇا داشۆسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى دۆلىتىمىز ئالىي مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ بىر جانلىق ئىخچام كارتىنىسى. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش نىشان، يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىش، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەڭ ئالىي ئىنتىلىش قىلىش، پەن قۇرۇلۇشىنى تەرەققىيات ئاساسى قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىگەندىلا، دۆلىتىمىز ئالىي مائارىپى چوقۇم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.