تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يامان غەرەزدە تۆھمەت چاپلاشقا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ

□ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جارقىن نۇسبېك

پومپېئو، جېڭ گوئېننىڭ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش قىلمىشى ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسى ۋە رەزىل غەرىزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

مەن يېقىنقى نەچچە يىلدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. بىرىنچى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. پۇقرالارنىڭ يانچۇقى تومپايدى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنىڭ ھەممىسى كاپالەتكە ئىگە بولدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ھەممىلا يەردە كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان مەنزىرە نامايان بولدى. ئىككىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىجىل ياخشىلاندى. ئېگىز بىنالار ئارقا-ئارقىدىن قەد كۆتۈردى، تەكشى، ئازادە ئاسفالت يوللار تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، سانائەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى. ئۈچىنچى، پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئاقسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى. تۆتىنچى، جەمئىيەت مۇقىملىقى سىجىل ياخشىلاندى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى باشتىن-ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى زىممىگە ئېلىپ، قولىدا تۇتۇپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى.

يالغان-ياۋىداق سۆز پاكىت ئالدىدا ھامان ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ. پومپېئو، جېڭ گوئېننىڭ كىشىلىك ھايات ئەقىدىسى «يالغان سۆزلەش، ئالدامچىلىق قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش»، ئىزچىل ئىستىلى يالغان سۆزلەش، تۆھمەت قىلىش، بار كۈچى بىلەن جۇڭگوغا قارا چاپلاش، شۇڭا شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ھە دەپ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ساختا ئۇچۇر ئېلان قىلدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى جۇڭگونى قالايمىقان قىلىش، جۇڭگو خەلقى ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.