تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى زۆرۈر دەرسلىك، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بۇ ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان ئېتىقادنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قىزىل ئەنئەنە تەربىيەسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسلىق ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە نەزەرىيەسىنى چۈشىنىش ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭ ۋەزىيەت، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەش، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلار، ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

بادەي لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دۇڭ شىنگۇاڭ، سو يۆ، زۇمرەت ئوبۇل، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقاممەت، قۇرماش سېرجان، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.