تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئېچىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ئېچىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولى ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنىڭ ئۆسۈشى، ئۈنۈمنىڭ ئېشىشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىشى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرى دامياۋ كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزى، بىر بېكەت شەكلىدىكى مۇلازىمەت زالى، پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي، كۈچلۈك بولغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «ئېكولوگىيە، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ساياھەت» بىر گەۋدىلەشكەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپلەر بازىسى قۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر شۇيشىگۇ بازىرى پىڭشى لياڭ كەنتىدىكى خاس پۇقراۋى قونالغۇ نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھازىرقى تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: تاغ، سۇ، ئېتىز، باغ، ئورمان قاتارلىق تۈرلۈك مۇھىت بايلىقىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پىشىپ يېتىلگەن، كۆپەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر يەنە ئۈرۈمچى شەنيۈەن ئېكولوگىيە يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتىگە كەلگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەتلىك ماركا ئارقىلىق كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك، يېشىل، ئورگانىك كۆكتات ھەم چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بېقىش كەسىپ بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى ناھىيەسى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك - باشلامچى ناھىيە بەرپا قىلىشى كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ، پىلانلاپ ئالدىن يولغا قويۇش، دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەش، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ ساغلام ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەرخىل مۇھىم ئامىللارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان، مەنزىرىسى چىرايلىق گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشى كېرەك. ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ساياھەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، ياز پەسلىدىكى ساياھەتنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىدە خاسلىق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت مەنزىلگاھى ۋە يىغىلىش - تارقىلىش ئورنىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.