تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2021- يىل يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تەكلىپ بويىچە سىنلىق شەكىلدە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2021 - يىل يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ.

بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال، چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن، كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىن، سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما، سىرى لانكا زۇڭتۇڭى گوتابايا، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى رۇەن چۇنفۇ، بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن، مالتا زۇڭلىسى ئابېلا، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭلىسى ئويۇن ئېردىنى، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن، 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى بوزكىر، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى گېئورگىيېۋا قاتارلىق چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ بويىچە سىنلىق شەكىلدە يىللىق يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.