تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى باشلاندى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

4-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى ئوۋدى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى  

   شىنخۇا تورى خەۋىرى:  4-ئاينىڭ 19-كۈنى، «ئۆزگىرىشكە قۇچاق ئېچىش» باش تېما قىلىنغان 19-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا ئاپتوموبىل سانائىتى كۆرگەزمىسى دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي)دە رەسمىي باشلاندى. 2021-يىللىق شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى 1000 كارخانىنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 360 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىكى ئاپتوموبىل ماگناتلىرى، چوڭ تىپتىكى جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرى، ئالاقە تورى ئاپتوموبىل ياساشتىكى يېڭى كۈچلەر، خەلقئارا بىرىنچى سەپتىكى زاپچاس بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرى ھەمدە ئاپتوموبىل بىرلەشمە تورىغا ئالاقىدار كارخانىلار توپلاندى. تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت ئاسرايدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ھەرقايسى چوڭ زاۋۇتلارنىڭ كۆرگەزمىدىكى چولپان مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ۋۇلىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى خۇڭگۇاڭ MINIEV CABRIO شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى

  

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ۋۇلىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى خۇڭگۇاڭ MINIEV CABRIO شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى ئوۋدى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى

  

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ۋۇلىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىلى خۇڭگۇاڭ MINIEV CABRIO شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، خۇاۋېي بىلەن بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى ھەمكارلاشقان «قۇتۇپ تۈلكىسى ئالفا S خۇاۋېي HIنۇسخىسى»نىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى.​ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ تىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.