تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ مورى: پەسىل قۇشلىرى ئۇسسۇلغا چۈشكەن گۈزەل باھار مەنزىرىسى

   ئاپتورى: زۇ رۇڭيەن، قايرات قابلېز، شياۋ يۇڭ

  4-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمال يۆنىلىشىدىكى ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، شىمالغا قايتقان پەسىل قۇشلىرى ئەركىن ئوزۇقلىنىپ، ئوينىشىپ، باھار كۈنلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مورىغا كېلىپ ماكانلىشىدىغان ياۋايى قۇشلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ھەر يىلى 3-ئايدىن 4-ئايغىچە، تۈركۈم-تۈركۈملىگەن پەسىل قۇشلىرىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 

 

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، كۈل رەڭ تۇرنىلار ئۇسسۇلغا چۈشتى. (قايرات قابلېز فوتوسى)

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، كۈل رەڭ تۇرنىلار سەپ تۈزۈپ ئۇچماقتا. ( قايرات قابلېز فوتوسى)

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، بىر بېلىق چايكىسى سۇ يۈزىدە ئوينىماقتا. (شياۋ يۇڭ فوتوسى)

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، ئاققوتانلار پەرۋاز قىلماقتا. (شياۋ يۇڭ فوتوسى)

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، كۈل رەڭ تۇرنىلار ئەتىياز پەسلىدىكى ئىللىق كۈن نۇرىدىن ھۇزۇرلانماقتا. (شياۋ يۇڭ فوتوسى)

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدىكى قىياپىتى ئىنتايىن گۈزەل ئاققوتانلار. (شياۋ يۇڭ فوتوسى)

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەن ھاڭگىت. (قايرات قابلېز فوتوسى)

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق كارىز مەنزىرە رايونىدا، تەڭ ئۇچۇۋاتقان ياۋا ئۆردەكلەر. (قايرات قابلېز فوتوسى)

    (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

 «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى