تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بارلىق يامان غەرەزدە تۆھمەت چاپلاشنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك

  □ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 3 - تەپتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاسىمجان مەمەت

  پومپېئو، جېڭ گوئېن پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا شىنجاڭغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى. مەن جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرگە قارشى چۇقان كۆتۈرىمەن!

  20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى كەينى - كەينىدىن پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ سادىر قىلىپ، كۆپلىگەن بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە غايەت زور مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچلۈك ساداسى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون كەسكىنلىك بىلەن قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بەردى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، چوڭ ۋەزىيەت مۇقىم بولدى، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتىدىغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بولدى.

  رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ. پومپېئو، جېڭ گوئېن ئېقىمىدىكىلەر شىنجاڭغا خالىغانچە قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى زىددىيەت پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ، باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان سىياسىي مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بۇنداق ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى كۈچلۈك خەلق رايى ئالدىدا پەقەت بىھۇدە ئاۋارىچىلىك. شىنجاڭنىڭ ئىشىدا، شىنجاڭ خەلقى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش يولىدا بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، مەڭگۈ چېكىنمەيمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.