تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى: كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئېچىلدى

  ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ): خاڭگا 5.8 يۈەن/كىلوگىرام، لازا 4.7 يۈەن/كىلوگىرام، شوخلا 4.3 يۈەن/كىلوگىرام... 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 11دە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتسىدا، 100نەچچە خىل كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ باھاسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. 68 ياشلىق ياشانغان كىشى ۋاڭ مېيرۇ بىر سېۋەت سەي سېتىۋالدى، جىڭلاتسا ئاران 20 نەچچە يۈەن بولدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئېچىلدى، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر يېڭى، ئەرزان ئىكەن، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق».

  100نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ ئىچى ئازادە، پاكىز بولۇپ، مال جازىسىغا پەسىل كۆكتاتلىرى، مېۋە-چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن، ئاشلىق، ياغ قاتارلىقلار لىق تىزىلغانىدى. «4-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىز رەسمىي تىجارەت باشلىدۇق، سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى» دېدى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ دۇكان باشلىقى ۋاڭ ليەنشېڭ مۇخبىرغا.

  گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە كونا ئولتۇراق رايون كۆپ، پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار كۆپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك ھەمدە كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارغا مەركەزلەشكەن. يېقىن ئەتراپتىن خاتىرجەم كۆكتات، ئەرزان كۆكتات سېتىۋېلىش ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسى.

  ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئاھالىلەر ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق رايىنى ئاڭلىدى. ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا تىجارەت باشلاندى.

  گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مېھرىگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنلۈك كۆكتات باھاسىنى شۇ كۈنكى 1-دەرىجىلىك توپ سېتىش بازىرىدىكى كۆكتات باھاسى بىلەن ئوخشاش قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى