تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

【شىنجاڭ ياخشى جاي】 قورغاس ناھىيەسى: ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى

  

قورغاس ناھىيەسىدىكى جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى مەنزىرە رايونىدا ياۋا ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى (4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). يېقىندا مەنزىرە رايونىدىكى ياۋا ئۆرۈكلەر بەس-بەستە چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. خۇ ۋېيبىن فوتوسى

    تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جەزىرە نېسىپبېك، ئارمان رازىق، جانبولات ماناربېك خەۋەر قىلىدۇ): 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، قورغاس ناھىيە بازىرىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونجۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى مەنزىرە رايونىدا تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

   «تەييارلىنىڭلار، يۈگۈرۈڭلار!» تاپانچا ئاۋازىنىڭ ياڭرىشى بىلەن تەڭ، تەنھەرىكەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، قورغاس ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى گۈل بايرىمى ھەم «خۇش پۇراق قورغاس. مېھىر-مۇھەببەت ئۈچۈن يۈگۈرۈش» تاغدىكى دالا مۇسابىقىسى باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 10 كىلومېتىر، 35 كىلومېتىر، 75 كىلومېتىردىن ئىبارەت ئۈچ تۈر گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن 620 نەپەر يۈگۈرۈش ھەۋەسكارىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

   غۇلجا شەھىرى شىگۇڭيۈەن يۈگۈرۈش ئەترىتىدىن كەلگەن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى ۋاڭ كې مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن بىز ئالدىن ئەھۋال ئىگىلەپ باقتۇق، يول بويى پۈتۈنلەي پورەكلەپ ئېچىلغان تاغ گۈللىرى، پات-پات غەمسىز ئوتلاۋاتقان قويلارنىڭ مەرەشلىرى ئاڭلىنىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ».

   جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 180 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تاغ گۈلى، ياۋا مېۋە ساياھەت رايونى، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش رايونى، يېزا-كەنت مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى قاتارلىق بەش چوڭ مەنزىرە رايونىدىن تەركىب تاپقان. ھەر يىلى 4-ئايدا، تاغ-دالىلاردا ھۈپپىدە چېچەكلىگەن ياۋا ئۆرۈكلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

   گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى چېن شياۋتۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى، بۇ يەر ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، نۇرغۇن ياۋا مېۋىلىك دەرەخ سورتلىرى بار ئىكەن، ھەر ئايدا ئوخشىمىغان مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدىكەن».

  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايوننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ماس قەدەمدە ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن، قورغاس ناھىيەسى يەنە مەنزىرە رايونىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى. قورغاس ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ئۆرۈكلۈكنى ئارقا كۆرۈنۈش، ئوتلاقنى سەھنە قىلىپ، تاماشىبىنلارغا گۈزەل ئۇسسۇللارنى ئورۇنلاپ بەردى، شۇ كۈنىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈش قېتىم سانى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  «بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى، تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپتۇ، بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي شوخ ئۇسسۇلغا چۈشكۈم كەلدى» دېدى قورغاس ناھىيەسىدىكى ساياھەتچى ۋاڭ لىن.

  ساياھەتچىلەر ياغاچ ئاسما يولغا چىقىپ يېقىن ئارىلىقتىن تاغ گۈللىرىنى كۆرەلەيدۇ، ئەينەك ئاسما يولغا چىقىپ گۈل جىلغىسىنى كۆرەلەيدۇ، سۇ تېيىلىش يولىدا ئىككى تەرەپتىكى گۈل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ.

  داشىگوۋ يېزىسىنىڭ مازىگوۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئەخمەتجان تۇرسۇنجاننىڭ مەنزىرە رايونىدا چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىۋاتقىنىغا ئون يىل بولدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونىدا بۇ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار بولغاندىن كېيىن، دۇكىنىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان ئادەم سانى شىددەت بىلەن ئاشتى».

   قورغاس ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يىشۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت ھاجەتخانىسى، ئارام ئېلىش رايونى، ۋاڭخۇڭ كۆۋرۈك، ئەينەك ئاسما يول، ياغاچ ئاسما يول قاتارلىقلار ياسىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى كۆپەيتىلدى.

   «بىز ساياھەتچىلەرنىڭ تاغ گۈللىرىنى كۆپ نۇقتىدىن، يېقىن ئارىلىقتىن تاماشا قىلىپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ليۇ يىشۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى