2021-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، دېھقان شاپتۇللۇق باغدا ئىشلىمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۇڭچياڭ فوتوسى، خەۋىرى) ئەتىيازدا، بارلىق شەيئى جانلىنىپ، بارچە گۈللەر ئېچىلىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى چاقىلىق بازىرى مەدەنىيەت مەھەللىسى كۆچەتزارلىقىدىكى بىر پارچە شاپتۇللۇق باغ چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، دەرەخ شاخلىرىدىكى شاپتۇل چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تاراپ، گۈزەل تۈسكە كىرىپ، نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىنى كېلىپ كۆكلەم سەيلىسى، چېچەك تاماشاسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.