تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆزلەر گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ

□قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ چېڭنەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن پەرۇخ

پومپېئو، جېڭ گوئېن ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «ئىرقىي يوقىتىش» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى ۋە نومۇسسىز قىلمىشىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر مىللەت ئاممىغا يېقىنلىشىپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ غېمىنى يېدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامما ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. چېڭنەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى يېرسىنگۈل خالىدخان مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى مەھەللىگە كېلىپ، ھەم مەھەللىنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، يەنە بىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بەردى. مەسىلەن، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى تەسىس قىلدى، مۈلۈك ھەققىنى ئۆز ئالدىغا تاپشۇرۇش تېرمىنالىنى كىرگۈزدى، مەھەللە كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىقلارنى قۇردى، بۇلار بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ئىنتايىن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى».

خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرگە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، شەھەر كىتاب ئوقۇش ئۆيى، مەدەنىيەت سالونى قاتارلىقلار ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. يېرسىنگۈل مەھەللىدىكى مەدەنىيەت سالونىغا قاتناشقاندىن كېيىن، تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر توپ ياخشى قوشنىلار، كىتابخۇمار ياخشى دوستلار بىلەن تونۇشتى. ئۇ ھەمىشە: «مەھەللە كىتاب ئوقۇش ئۆيى» ماڭا ئۆزۈمگە «توك قاچىلايدىغان» ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بەردى، دەيدۇ. ھازىر چېڭنەن مەھەللىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى گۈزەللەشتى، تۇرمۇش قولايلاشتى، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر خۇشال بىللە ياشاۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممە يەردە پورەكلەپ ئېچىلدى.

بىز پومپېئو، جېڭ گوئېننى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمىزكى: سىلەرنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىڭلار، بىمەنە سەپسەتەڭلەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان، قان بىلەن گۆشتەك چوڭقۇر ھېسسىياتىغا بۆلگۈنچىلىك سالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، بىزنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.