تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن

□باي ناھىيەسى مىچىغ يېزىسىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى ئازات جۈمە

يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دەپ خالىغانچە بوھتان چاپلاپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توستى. بۇ تىپىك زومىگەرلىك قىلمىشى. ئۇيغۇر ئامما، توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن كۈچلۈك غەزەپلىنىمەن!

مېنىڭ ئىسمىم ئازات جۈمە، ئاقسۇدىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىدە ئىشلەيمەن. بىزنىڭ شىركەت كارخانا مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نورمال دەم ئالىمىز، مۇقىم بولغان مائاش كىرىمىمىز بار، قەرەللىك تەربىيەلەش تۈرلىرى بار. تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، مەن ئائىلىمىزنىڭ 85 مىڭ يۈەن قەرزىنى قايتۇرۇپ بولدۇم، يەنە ئائىلە ئاپتوموبىلى سېتىۋالدىم. بۇ يىل 1 - ئايدا، مەن 2020 - يىللىق «مىچىغ يېزىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىشلىگۈچى خادىم» بولۇپ باھالاندىم.

مەن شىنجاڭغا قەستەن قارا چاپلىغان كىشىلەرگە شۇنداق دېمەكچىمەنكى: بىز سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەپ، كۆپرەك ماھارەت ئۆگىنىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، بىر جۈپ قولىمىز بىلەن تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىۋاتىمىز، بۇنىڭ نەرى خاتا؟ سىلەرنىڭ يامان غەرەزدە شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسىتىڭلار نېمە؟ ھازىر، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى، جەمئىيەت مۇقىم، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا سىلەرنىڭ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشىڭلار ھاجەتسىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.