تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسى ئېسىل، ئۇنىڭغا قارا چاپلاشقا ھەرگىز يول قويمايمەن

□كېرىيە ناھىيەسى قاراقىر يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مەمەتئەيسا روزى

مېنىڭ يېزىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىزچىل دېھقانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلدىم. مەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قىلچە ئاساسسىز بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا خالىغانچە قارا چاپلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

مەن خىزمەت قىلىۋاتقان يېزا بىر يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى بولۇپ، 1000 مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، كېۋەز تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئادەتتە 4 - ئايدا ئۇرۇق سېلىنىدۇ، تېرىشتىن ئىلگىرى يەر ئاغدۇرۇلۇپ ھەم ئاساسىي ئوغۇت يېتەرلىك بېرىلىپ، زىچ تېرىلىدۇ، كېيىنكى باسقۇچتا قۇر ئارىلىقىنى يۇمشىتىش، ئوت ئوتاش، سۇغىرىش ۋە ئوغۇتلاش، چاتاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق پەرۋىش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلىرىمىزنىڭ تېرىقچىلىق جەريانىدا توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرى. ھەر يىلقى كۈز، قىش پەسلى پاختا يىغىش مەزگىلى بولۇپ، يېزىمىزدىكى نۇرغۇن دېھقان پاختىكارلارنىڭ پاختا يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، قىسقىغىنا ئىككى ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ، بۇ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا ناھايىتى زور رول ئوينىدى.

بۇ ئەھۋاللار ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئېغىزىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا ئايلىنىپ قالدى. دېھقانلار پاختا يىغىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىسا، ئەجەبا بۇنىڭغىمۇ «مەجبۇرلاش» كېتەمدۇ؟ سىلەرنىڭ يامان غەرەزدە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىشىڭلار ۋە خالىغانچە بوھتان چاپلىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا دەل شىنجاڭدىكى پاختىكارلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان رەزىل قىلمىشتۇر، سىلەر رەزىل ئەپت - بەشىرەڭلەرنى يىغىشتۇرۇۋېلىڭلار!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.