تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قورغاس تۆمۈريول پورتىنىڭ 1- پەسىلدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %128 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە قورغاس تۆمۈريول پورتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارى 1 مىليون 515 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %128 ئاشقان.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئېكسپورت جەھەتتە، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئېھتىياجى سىجىل ئاشقان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۈندىلىك تۈرلۈك مال، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق جۇڭگودا ياسالغان مەھسۇلاتلار قورغاس ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۈزۈلمەي توشۇلۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. ئىمپورت جەھەتتە، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى، كۆپ مىقدارلىق بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلار قاتارلىق ماللارنى ئىمپورت قىلىشتىمۇ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئېھتىياجىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىنغان.

قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 3 - بۆلۈمىنىڭ 2 - دەرىجىلىك مەسئۇلى ما كەي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

قورغاس تاموژنىسى پورتنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مال تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلتىماس قىلىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، بىرلا كۆزنەكتە توردا سېكۇنتتا بېجىرىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ھەرقايسى ھالقىلاردىكى بېجىرىش ۋاقتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئۆستۈردى.

2016 - يىلى قورغاس تۆمۈريول پورتىدا تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىللىق قاتناش سانىدا ئارقا - ئارقىدىن يېڭى رېكورت يارىتىلدى. نۆۋەتتە، پورتتا چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا توشۇلىدىغان يۈك تۈرلىرى موللىشىپ 200 خىلدىن كۆپرەككە يەتتى، تەسىر كۆرسىتىدىغان رايون ئەڭ دەسلەپكى ئىككى دۆلەت ئۈچ شەھەردىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 18 دۆلەت 45 شەھەرگە تۇتاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.