تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىم تۆمۈريولىدا ئايلانما لىنىيە شەكىللەندۈرۈلىدۇ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

يېقىندا، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن جياڭجۈنمياۋغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە جياڭجۈنمياۋدىن نومغىچە بولغان تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن قومۇل شەھىرىگىچە تۆمۈريول تىرانسپورت ئايلانما لىنىيەسىدىن بىرسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئەشيا شەرقىي قىسىمدىكى بۇ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە سىرتقا توشۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى جياڭجۈنمياۋ شەرقىي ۋوگزالى ئىچىدە، 10 مىڭ توننىلىق بىر پويىز خۇددى بىر ئۇزۇن ئەجدىھاغا ئوخشاش، ئاستا - ئاستا ئايلانما لىنىيەدىن چىقتى، 100 قۇرۇق ۋاگونى بار 2 - پويىز كۈچ ئۇلاپ ئايلانما لىنىيەگە قاچىلاشقا كىردى. «بىز پويىز توختىتىش كۆچمە تاختىسى ئايرىش رايون بۆلىكىنى قىستۇرۇپ تەسىس قىلىپ، ئايلانما لىنىيەنىڭ داۋاملىق قاچىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ دائىملىق قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى جياڭجۈنمياۋ شەرقىي ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال باشلىقى ليۇ دۇڭ.

ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدا 2012 - يىلى پويىز قاتنىغان بولۇپ، بازار ئېھتىياجىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى زور مىقداردىكى كۆمۈر بۇ تۆمۈريول ئارقىلىق ئۈزۈلمەي توشۇلۇپ چىقىلىۋاتىدۇ. دەسلەپ باشلانغان چاغدىكى يىلىغا 1 مىليون توننىدىن كۆپرەك يۈكنى توشۇش، تارقىتىش، يەتكۈزۈش مىقدارىدىن، 2020 - يىلى 54 مىليون 280 مىڭ 700 توننا يۈك توشۇش، تارقىتىش، يەتكۈزۈش مىقدارىغىچە، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى ئون يىل سەرپ قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تۆمۈريولنىڭ توشۇش ئىقتىدارى نورمىغا يەتتى، مىقدار ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن تۆمۈريولنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش كېرەك.

«ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇددىتى ئىككى يىل، بۇ يىل 194 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىغىچە بولغان 2 - لىنىيەنى كۆپەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ ھەم قاتناش باشلاپ تىجارەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.» جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىنچى مۇنداق دېدى: «تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئېشىپ، لىنىيە بويىنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ».

قومۇل شەھىرىگە سەنتاڭخۇ، نوم قاتارلىق كۆپلىگەن كان رايونلىرى جايلاشقان. تىرانسپورت شەكلى ئاساسلىقى تاشيول ياكى تاشيول + تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت ئەندىزىسىگە تايىنىدۇ، تىرانسپورت تەننەرخى يۇقىرى. «جياڭجۈنمياۋدىن نومغىچە بولغان تۆمۈريولنى ياساپ، شىنجاڭ شىمالىي لىنىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول 1 - چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش ۋە جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى تۈرىنى لايىھەلەش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىنشۇەن.

يېڭىدىن ياسىلىدىغان جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 429.884 كىلومېتىر بولۇپ، 2023 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاش پىلانلانغان، بۇ، يۈك توشۇشنى ئاساس قىلغان رايون ئارا يول تورى غول لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. لىنىيەنىڭ شەرقىي ئۇچى خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولى بەيشىخۇ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى ھەم شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئۆتىدۇ، غەربىي ئۇچى ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىدۇ. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، يول ئۇلىنى سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.

جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسم تۆمۈريولىدا ئايلانما لىنىيە شەكىللىنىدۇ. جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى غەربتە ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، شەرقتە خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولى بىلەن تۇتىشىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا تۇنجى تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ماددىي ئەشيالىرى ئۈرۈمچىنى ئايلانمايلا جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى ئارقىلىق بىۋاسىتە شىنجاڭدىن چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى يەنە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي − غەربىي شىمال لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ۋاڭ شىنشۈەن مۇنداق دېدى: خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولى بىلەن لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنىڭ تۇتاشما لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماددىي ئەشيالىرى ئىچكى موڭغۇل ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە شىمالىي جۇڭگو رايونىغا كىرەلەيدۇ.

«جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى ياسىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ» دېدى ۋاڭ شىنشۈەن. دۇنخۇاڭدىن گولمۇدقىچە بولغان تۆمۈريولدا بۇلتۇر پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش تىرانسپورت تىجارىتى باشلاندى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولى ئارقىلىق لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىغا ئۆتۈپ دۇنخۇاڭ - گولمۇد تۆمۈريولىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭغا «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈريول تورى يىرىك پىلانى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان گولمۇدتىن چېڭدۇغا بارىدىغان تۆمۈريول قوشۇلسا، بۇنىڭدىن كېيىن جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ قاپلاش دائىرىسى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىغىچە ئۇزىرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.