تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش» كەسىپلەرنى توپلاشتۇردى

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«شىنجاڭ پاختا ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يوپۇغا ھەم ئۇزۇن تالالىق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بازىسى، بۇ، بىزنى يوپۇغىدا توقۇمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزنى كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە قىلدى» دېدى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قەشقەر شىنيۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇڭ شىنچۈن.

قەشقەر شىنيۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يىپ ئېگىرىش سېخىغا كىرگەندە، چوڭ سېختا بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇرچۇق تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى. يەتكۈزۈش، يۆگىمە رەختنى ئالماشتۇرۇش، ئۇلاش، تەكشۈرۈش، رەت - رەت ئاپتوماتىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تەرتىپلىك ئايلىنىۋاتاتتى.

يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ مول پاختا بايلىقىنى كۆزدە تۇتقان شىنيۆ توقۇمىچىلىق شىركىتى 2012 - يىلى 7 - ئايدا يوپۇغا ناھىيەسىگە ماكانلاشتى. «بۇ بىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئويىمىز بىلەن بىر يەردىن چىقتى» دېدى يوپۇغا ناھىيەسى تەييۆ سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كارخانا مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شېڭ يەنفۇ.

سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنيۆ توقۇمىچىلىق شىركىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كېۋەز تېرىش، پاختا پىششىقلاش، پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى بىر گەۋدىلەشكەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىدىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى، يىللىق سېتىش كىرىمى 110 مىليون يۈەن بولدى؛ 600 دىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندىن ئارتۇق بولدى.

رابىگۈل تۇرسۇن خىزمەت كىيىمى كىيگەن بولۇپ، چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، شىنيۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغان ئۇ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. «مەن زاۋۇتقا يېڭى كىرگەندە، ئايلىق مائاشىم 1500 يۈەن ئىدى، ھازىر تېخنىكىغا پىششىق بولغاچقا، ئايلىق مائاشىم 5000 يۈەندىن ئاشتى.» رابىگۈل مۇنداق دېدى: «ھازىر، مەن سېخ مۇدىرى بولدۇم».

«شىركەت 2013 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى دەسلەپتىكى 3000 توننىدىن كۆپرەك بولۇشتىن تەرەققىي قىلىپ بۇلتۇرقى 10 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يەتتى. ئىلگىرى ساپ ئاق يىپ ئىشلەپچىقىرىش ئاساس قىلىناتتى، ھازىر ئاق يىپ، يىپەك يىپ ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ» دېدى قەشقەر شىنيۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن يوۋۋېن.

يوپۇغا ناھىيەسىدە يىلىغا تېرىلىدىغان كېۋەز كۆلىمى 650 مىڭ موغا مۇقىملاشتى، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 450 كىلوگىرامدىن ئاشتى، بىرلىك ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەزلىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ «كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى يوپۇغا ناھىيەسىگە ماكانلاشتى.

4 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئومۇمىي سېلىنمىسى 400 مىليون يۈەن بولغان شىنجاڭ جېڭلۇن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسى 2 - قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى پۈتتى ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. «نۆۋەتتە شىركەتتە 14 ئاپتوماتىك ئاقما لىنىيە بولۇپ، كۈنىگە 8000 - 7000 قۇر كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئايلىق مەھسۇلات مىقدارى 200 مىڭ قۇردىن ئاشىدۇ، يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 25 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ» دېدى شىنجاڭ جېڭلۇن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل باشلىقى چېن بىڭ، زاكازنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىركەت بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يېڭىدىن 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى كىيىم - كېچەك زاۋۇتى، 36 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى رەخت توقۇش زاۋۇتى قۇرۇپ، 1200 نەچچە ئارتۇق ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىسى %80تىن ئارتۇقنى ئىگىلەيدۇ.

نۆۋەتتە، يوپۇغا ناھىيەسىگە 21 توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى ماكانلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.