تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

CBAدىكى ماھىرلارنى تاللاش لېتوۋ چەك تارتىشى ئېلان قىلىندى فۇجيەن ئەليۇلئەلا چېكىگە ئېرىشتى

   2020-يىلى 8-ئايدا، CBA بىرلەشمىسى چىڭداۋدا تۇنجى قېتىملىق CBAدىكى ماھىرلارنى تاللاش لېتوۋ چەك تارتىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شاڭخەي ئەليۇلئەلا چېكىگە ئېرىشكەنىدى.

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شيا لياڭ): 2021-يىللىق CBAدىكى ماھىرلارنى تاللاش لېتوۋ چەك تارتىشى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى جېجياڭ جۇجىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئەڭ ئاخىرقى دائىملىق مۇسابىقە رەت تەرتىپىدە 16-ئورۇندا تۇرىدىغان فۇجيەن %14لىك نىسبەت بىلەن ئەليۇلئەلا چېكىگە ئېرىشتى، نەنجىڭ، سەنشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2- ۋە 3- چەككە ئېرىشتى.

   بۇ قېتىمقى ماھىرلارنى تاللاش لېتوۋ چەك تارتىشى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ دائىملىق مۇسابىقىسى رەسمىي ئاخىرلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا دائىملىق مۇسابىقىدە 13-ئورۇندىن 19-ئورۇنغىچە بولغان، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن يەتتە كۇلۇب بۇ قېتىمقى لېتوۋ چەك تارتىشقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

   دائىملىق مۇسابىقىنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، جياڭسۇ بۇ قېتىمقى لېتوۋ چەك تارتىشتىكى يەتتە كىچىك توپقا ئىگە؛ نەنجىڭ ئالتە كىچىك توپقا ئىگە بولۇپ، تەرتىپ بويىچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. يەتتە كۇلۇبنىڭ ئەليۇلئەلاغا ئېرىشىش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا: جياڭسۇ %25، نەنجىڭ %21، تيەنجىن %18، فۇجيەن %14، سەنشى %11، شاڭخەي %7، بېيكۇڭ %4 بولغان.

   2020-يىلى 8-ئايدا، CBA بىرلەشمىسى چىڭداۋدا تۇنجى قېتىملىق CBAدىكى ماھىرلارنى تاللاش لېتوۋ چەك تارتىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شاڭخەي ئەليۇلئەلا چېكىگە ئېرىشكەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى