تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 6-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. (يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى)

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار فەن چيۇڭيەن، شېن زۇشياۋ  ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى دېڭباڭ، لىن يۈ): 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 6-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مول، رەڭدار، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 9-سىنىپنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىدە، ئوقۇتقۇچى ۋاڭ روجىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىرقانچە ھەقىقىي دېلو مىسالى توغرىسىدىكى ئاخبارات سىن كۆرۈنۈشىنى قويۇپ كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ھەربىر ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇشقا يېتەكلىدى.

  ۋاڭ روجىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى دەرسخانىغا سىڭدۈرگەندىن باشقا، مەكتەپ يەنە دۆلەت بايرىقى ئاستىدا سۆز قىلىش، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يىلتىز تارتقۇزدى.

  كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  كورلا شەھەرلىك لىشياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى مەكتەپ سىرتىدىكى قانۇنچىل يېتەكچىلىرىنى مەكتەپكە كىرىپ مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇردى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرى تەربىيەسى تەشۋىقات فىلىمى قاتارلىقلارنى كۆرۈش ئارقىلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى.

  «پائالىيەت ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ھەربىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. مەن ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى مەكتەپ ئۆتكۈزگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، فۇكاڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ رۇيجيې.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ سىتلى يېزىسى جاڭگالھويلا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، جانلىق، قىزىقارلىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

  4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىلى سىفەن داشۆسى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار» باش تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. 14 شۆيۈەندىن مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كەلگەن 14 ماھىر باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ھېكايىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تەسىرلىك بايان قىلدى.

  شىنجاڭ قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىمۇ باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن ئېتىقادنى چىڭىتىشقا يېتەكلىدى.

  يېقىندا، شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى مەنزىرە رايوندا ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرگەزمە تاختىسى تەسىس قىلىش، مەنزىرە رايونىنىڭ LED ئېكرانىدا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، لوزۇنكا ئېسىش، تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى