ئاپتورلار: تۇنۇق نۇرزاغىي، زاڭغار بولات، مىلىي كارباي
باھار شامىلىدا سۆگەتلەرنىڭ يۇمران نوتىلىرى ئويغاندى، يەر ئاغدۇرۇپ ئۇرۇق سېلىش مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدا، بىر قىش قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئېتىزلارنى «گۈلدۈرلىگەن» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى ئويغاتتى، دېھقانلار بۇغداي تېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئېتىزلاردا ئالدىراش «ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يۆگىمە رەسىمى» ئاستا-ئاستا ئېچىلدى.
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرى ئالتاي شەھىرىنىڭ بۇغداي تېرىشتىكى ئالتۇن مەزگىلى بولۇپ، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن شەھەرنىڭ تېرىش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ يىل ئالتاي شەھىرى پىلانلىغان تېرىقچىلىق كۆلىمى 718 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائىتى 169 مىڭ مو، ئىقتىسادىي زىرائەت 234 مىڭ مو، يەم-خەشەك زىرائىتى 315 مىڭ مو.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدىكى دېھقانلار بۇغداي ئۇرۇقىنى سېيالكىغا قاچىلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى قىلماقتا.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بۇغداي ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ، «بىخەتەر تېرىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدىكى دېھقانلار ئېتىزدا ئىشلىمەكتە.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدىكى دېھقانلار ئېتىزدا ئىشلىمەكتە.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدىكى دېھقان ئېتىزدا ئىشلىمەكتە.
(ئاپتورلارنىڭ ئىدارىسى: ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى