4-ئاينىڭ 15-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيىشەن شەھىرىنىڭ ۋۇفۇ بازىرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرىدە، دېھقان شاللىقتا تېرىقچىلىق قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيىشەن شەھىرىنىڭ ۋۇفۇ بازىرى جۇزى مەدەنىيىتى ۋە خاس بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت- ساياھىتىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونى، سەھرا رومانتىك تۇرمۇش رايونى، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستىراھەت ھېس قىلىش رايونى، سەھرا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى قوغداش رايونى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە 10 مىڭ مولۇق كۆل تاماشا رايونى، 800 مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق شال ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى، 400 مو قىچا گۈلى چېچىكى سەيلە ئېتىزى، 350 مو قومۇل قوغۇنى تېرىش پارنىكى قۇرۇلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ بىر قىسىم تاشلاندۇق ئۆيلىرىنى خاس پۇقراۋى قونالغۇ قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياساپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چېن يىڭ فوتوسى)
بۇ فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيىشەن شەھىرىنىڭ ۋۇفۇ بازىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئۆيلىرى (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيىشەن شەھىرىنىڭ ۋۇفۇ بازىرىدا، ساياھەتچىلەر شىڭشيەن قەدىمىي كوچىسىدا سەيلە قىلماقتا.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇيىشەن شەھىرىنىڭ ۋۇفۇ بازىرىدا، ساياھەتچى تاشلاندۇق تاماكا قاقلاش ئۆيلىرىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان پۇقراۋى قونالغۇدىن سۈرەتكە تارتماقتا.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋۇيىشەن شەھىرىنىڭ ۋۇفۇ بازىرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرىدىكى قوغۇن پارنىكىدا، قوغۇنچى دېھقان يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەن قوغۇن مايسىلىرىنى تەكشۈرمەكتە.