تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چىش مىلىكىدىن دائىم قان چىقسا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك

   «قان چىقىش، چىش مىلىكىدە ياللۇغ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، چىش ئەتراپىنى داۋالاش كېرەك.» 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسى خۇاڭ جېن مۇنداق دېدى: چىش مىلىكىدىن قان چىقىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، چىش ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئۇزاق داۋاملاشسا، چىش بوشاپ كېتىشى، ھەتتا چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

  جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 35 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغانلار، 55 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغانلار، 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ چىش ئەتراپى ساغلاملىق نىسبىتى %10كە يەتمىگەن، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرى ئاغرىقلىرىنىڭ نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرى ناھايىتى ئومۇملاشقان. چىش ئىسسىق، سوغۇق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە سەزگۈر بولۇپ، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسىدۇر.

  «بىز ھەر يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بىر قېتىم چىش يۇيدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز.» خۇاڭ جېن مۇنداق دېدى: چىش يۇيدۇرۇشتىكى مەقسەت چىش مىلىكى، چىش يۈزىدىكى مەينەت نەرسىلەر، مەسىلەن، باكتېرىيە دېغى، يۇمشاق داغ، چىش تېشى، يېمەكلىك قالدۇقلىرى قاتارلىقلارنى پاكىز تازىلاشتىن ئىبارەت.

  باكتېرىيە دېغىنى كونترول قىلىش چىش ئەتراپى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. باكتېرىيە دېغى چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى قوزغاتقۇچى ئامىل، ئېغىز بوشلۇقىدا زور مىقداردا باكتېرىيە، مىكرو جانلىقلار بار، زىيانلىقلىرى بار ھەم پايدىلىقلىرىمۇ بار، پەقەت ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، چىش ئەتراپى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغدىغاندىلا، چىش ئەتراپىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا، زىيانلىق باكتېرىيە، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر كۆپىيىپ، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  «نۇرغۇن كىشى <ياشانغاندا چىش چۈشۈش> نى تەبىئىي ئەھۋال دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا قاراش.» خۇاڭ جېن مۇنداق دېدى: ئەگەر چىش ئەتراپى ياخشى ھالەتنى ساقلاپ قالالىسا، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى دەسلەپكى مەزگىلدىلا تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ياشانغاندىمۇ چىش بوشاپ كەتمەيدۇ، چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

  چىش مىلىكى ياللۇغى چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، چىش ئوقۇرى سۆڭىكىگە زىيان يەتمىگەن، چىش ئوقۇرى سۆڭىكىگە ئۆتۈپ كەتمىگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرى ئۆزگىرىشىنى ساغلام ھالەتكە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئەگەر چىش ئوقۇرى سۆڭىكىگە زىيان يەتسە، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس. خۇاڭ جېن مۇنداق دېدى: «ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، چىشنىڭ بوشاپ كېتىشى، چۈشۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق».

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ رەتلىگەن)

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى