تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ ھەممىسى بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۇكى: بىزنىڭ بۇ چوڭ پارتىيەمىزنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، بىزنىڭ بۇ چوڭ دۆلىتىمىزنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنىڭ ئاچقۇچى. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيە تارىخىدىن ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى تەرەپلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىدىيە جەھەتتىكى بىرلىك، سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق، ھەرىكەت جەھەتتىكى بىردەكلىك پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ تۈپ ئاساسى. يەنئەن مەزگىلىدە، پارتىيەمىز كەڭ كۆلەملىك ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساس سالدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ئىتتىپاقلاشقان پارتىيەگە، پارتىيە بېكىتكەن توغرا نىشان ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەت قىلىدىغان، تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان پارتىيەگە ئايلىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىنى ئەڭ مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. تارىخىي يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە بولغان ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پۈتۈن پارتىيە پەقەت «بىر پارچە قاتتىق پولاتتەك» ئىتتىپاقلاشقاندىلا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭەلەيدۇ.

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي پىرىنسىپى، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. قىزىل ئارمىيەنىڭ 5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىدەك تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئاساسىدا، زۇنيى يىغىنىدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىشكە باشلاپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلاپ، ئەڭ خەتەرلىك جىددىي پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. پارتىيەنىڭ كېڭەيتىلگەن 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ۋاڭ مىڭنىڭ ئوڭچىل خاتالىقى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزىتىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە قەدىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى شۇنى تولۇق بىلدۈردىكى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ياخشى چىڭ تۇرۇلغاندا، پارتىيە ئىشلىرى گۈللەپ روناق تاپىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيە ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ.

«ئاچقۇچلۇق ھالقا چىڭ تۇتۇلغاندىلا، باشقا ھالقىلارغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ». پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرتۇتاش بولۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىسلاھات ساھەسىدە، مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىدىيە ۋە قاراشتىكى ئاسارەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ھەيۋەتلىك، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات مۇساپىسىنى باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. دىپلوماتىيە ساھەسىدە، تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيە يولىنى ئاچتى. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك جاسارەت بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى جاھىل كېسەللىكنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، چاقماقتەك كۈچ بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەلىپىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە، مىللەتكە ئىنتايىن زور چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسەتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشتىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب شۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەنلىكى ۋە تىكلەنگەنلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلغانلىقىدىن بولدى. دەل پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەدەمنى بىردەك ئالغاچقا، بىز ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولساقمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولساقمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلدۇق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، ئەسىر يۇقۇمى بىلەن يۈز يىللىق ئۆزگىرىش گىرەلىشىپ، كەسكىن خىرىس ۋە ئېغىر، زور قىيىنچىلىق تەڭ مەۋجۇت بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تارىخىدىكى يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشىنى ياراتتى؛ باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى؛ بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى ... ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلسىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز، چوقۇم يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتالايمىز.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: بىزنىڭ مۇشۇنداق چوڭ بىر پارتىيەمىزدە، مۇشۇنداق چوڭ بىر دۆلىتىمىزدە مەركەزلىك بىرلىككە كېلىش بولمىسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولمىسا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك بولغان نوپۇزى بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى تاشقى تەلەپتىن ئىچكى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، دائىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»غا كۆڭۈل بۆلمەسلىككە قەتئىي بولمايدۇ، سىياسىي تەلەپ، سىياسىي قائىدە، سىياسىي ئىنتىزامغا كۆڭۈل قويماسلىققا قەتئىي بولمايدۇ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى خەۋپىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىككە قەتئىي بولمايدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۆڭۈل قويماسلىققا قەتئىي بولمايدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىكى مۇھىم تەجرىبىسى، بىر پىشىپ يېتىلگەن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور بولغان پارتىيە قۇرۇش پىرىنسىپى. «14 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشتا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دولقۇن يېرىپ، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.