تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئالتۇن سۇمۇرغ»نى جەلپ قىلىپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

قاراقاش ناھىيەسى:

«ئالتۇن سۇمۇرغ»نى جەلپ قىلىپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خىزمەتچى خادىملار قاراقاش ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە ئوراپ قاچىلانغان ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە سۇپىسىغا تىزماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ 8 - كۈنى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قاراقاش ناھىيەسىگە كەلدۇق.

بىز تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىنى بويلاپ، قاراقاش ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مېيبىتې شىركىتى» دېيىلدى)گە باردۇق.

سويۇش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى، خىزمەتچىلەر ماھىرلىق بىلەن ئاق پەيلىك گۆش توخۇلىرىنى توخۇ ئېسىش سۇپىسىغا ئېسىۋاتاتتى، بىر ئاق پەيلىك گۆش توخۇسى سويۇش ئۆيى، پەي يۇڭداش ئۆيىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا پارچىلاش ئۆيىگە كىرىپ، ئاندىن پارچىلاش، گۆش شىلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئايرىپ قاچىلاش قاتارلىق بىر قاتار مەشغۇلاتلاردىن كېيىن، 60 نەچچە خىل توخۇ گۆشى خام، يېڭى مەھسۇلاتىغا ئايرىشقا بولاتتى.

سويۇش سېخىنىڭ يېنىدىكىسى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سېخى ئىدى. بۇ يەردە، يېڭى توخۇ گۆشلىرى ماتېرىيال سېخى، ئارىلاشتۇرۇش سېخى، شەكىلگە كەلتۈرۈش سېخىدىكى بىر قاتار جەريانلار ئارقىلىق، ئۈچەي كاۋاپ تۈرى، خوگو تۈرى، دورا - دەرمەك قوشۇلغان تۈر، ياغدا پىشۇرۇلغان تۈردىكى مەھسۇلات قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

توخۇ ئېسىش سۇپىسىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مەمەت نۇرمەمەت ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن سىرت، يەنە باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ پارچىلاش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشى كېرەك ئىدى، ئۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئىدى.

بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن مەمەت قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسى قوشئاۋات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بۇلتۇر 6 - ئايدا، ئۇ مېيبىتې شىركىتىگە كەلگەن، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئىشلەپ 13 كۈندىن كېيىن گۆش توخۇسى ئىشلىرى بۆلۈمى ئالدىنقى رايونى ئىككىنچى ئېسىش ئىسمېنىسىنىڭ ئىسمېنا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، 80 ئىشچىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى.

«ئىلگىرى، مەن ئىزچىل قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىگەن، كىرىمىم مۇقىم بولمىغاچقا، پۇل يىغالمايتتىم. مېيبىتې شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ھەر ئايدا مۇقىم 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، ياخشى ئىشلىسەم يەنە مۇكاپات پۇلىمۇ بار» دېدى مەمەت.

مېيبىتې شىركىتىدە، مەمەتكە ئوخشاش مۇشۇنداق خىزمەتچىدىن 5986سى بار بولۇپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 2600 يۈەندىن ئاشىدۇ.

سېختىن چىققىنىمىزدا سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ رەتلىك تىزىلىپ، يۈك قاچىلاشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. «بىزنىڭ سويۇش سېخىمىزدا كۈنىگە 200 مىڭ گۆش توخۇسى سويۇلىدۇ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سېخىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 72 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. نۆۋەتتە، خام، يېڭى توخۇ گۆشى مەھسۇلاتى 60 نەچچىگە، گۆشتىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات 300 نەچچىگە يەتتى، بۇ مەھسۇلاتلار سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇپ سېتىلىدۇ، يىللىق سېتىش كىرىمى تەخمىنەن 3 مىليارد يۈەن» دېدى مېيبىتې شىركىتى مەمۇرىي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ جىنلېي پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئىگىلىنىشىچە، جەمئىي 1 مىليارد 770 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1500 مودىن ئاشىدىغان مېيبىتې شىركىتى قاراقاش ناھىيەسى كىرگۈزگەن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا ئىكەن. بۇ شىركەت 2019 - يىلى قاراقاش ناھىيەسىگە ماكانلاشقاندىن كېيىن، دىققىتىنى ئىزچىل تۈردە نەسىللىك توخۇلارنى يېتىشتۈرۈش، بېقىپ سويۇش، ئىنچىكە پىششىقلاشنى ئاساس قىلىپ، يەم - خەشەك پىششىقلاش، مەھسۇلاتنى ئوراپ قاچىلاش، تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىش ۋە سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتىنى قوشۇمچە قىلغان سەككىز چوڭ كەسىپ بۆلىكىنى بەرپا قىلىشقا قاراتقان. نۆۋەتتە، مۇكەممەل بولغان كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنگەن.

«شىركەتنىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە ماكانلىشىشى دەل بۇ يەرنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىدىن بولدى. يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، خوتەن ۋىلايىتى مەيلى قاتناش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ياكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بولسۇن، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، بۇ، كارخانىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە ئىلغار تىجارەت ئىدىيەسى ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، يەرلىكتىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ۋاڭ جىنلېي.

مېيبىتې شىركىتى 2019 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، «يېزىدا باقمىچىلىق بازىسى بولۇش، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇش، ئائىلىدە توخۇ كاتىكى بولۇش»تەك تەرەققىيات پىلانى بويىچە، «كارخانا + پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا، چۈجە، يەم - خەشەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداق قىلىپلا قالماي، مېيبىتې شىركىتى يەنە ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردا 15 باقمىچىلىق بازىسى قۇردى.

مېيبىتې شىركىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسىدىكى باقمىچىلىق بازىسىغا كىرگىنىمىزدە، باقمىچى مەمتىمىن جۈمە بۇ زامانىۋىلاشقان كارخانىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى. «بۇ تېمپېراتۇرا، نەملىك، ھاۋا بېسىمىنى كونترول قىلىدىغان مەشغۇلات تاختىسى، ھاۋا بېسىمى تۆۋەن بولسا چۈجىلەر زۇكام بولۇپ قالىدۇ، بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.» مەمتىمىن ئەسۋابتا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

مەمتىمىن قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسى سۆگەتبوستان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئىلگىرى كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى پارچە - پۇرات ئىشلەمچىلىك قىلىپ ھەل قىلغان مەمتىمىن بۇلتۇر بۇ بازىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپ 35 مىڭ چۈجىنى پەرۋىش قىلدى، زامانىۋىلاشقان كاتەك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يەم بېرىش سىستېمىسى ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى توخۇ بېقىشقا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتتى.

«باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكلىشى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تۈرتكە بولۇشى، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. بىز داۋاملىق كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ سۇپا بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز» دېدى ۋاڭ جىنلېي.

□ مۇخبىر خاتىرىسى

يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدى، خوتەن ئۆزگەردى

□ پەرىزات ئابدۇل

146 سوغۇق زەنجىرلىك تىرانسپورت ئاپتوموبىلى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)دا قاتناپ، ھەر كۈنى مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بازارلارغا توشۇدى؛ يېتەرلىك بازار زاكازى 6000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئوتتۇرىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئىش ھەققى 2600 يۈەندىن ئاشتى...

جەنۇبتا كوئېنلۇن تېغىغا تاقىشىدىغان، شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن بولغان، قارلىق ئېگىزلىك بىلەن بىپايان قۇملۇقنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىدە ئېگىزلىكتىكى قاتتىق سوغۇق، تومۇز ئىسسىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ گەرچە «يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار» دەپ ئاتالغان ئەڭ شانلىق پەيتلىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىلىماتى قۇرغاق، چەت - ياقىغا جايلاشقان بولغاچقا، نامرات ۋە قالاقلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشى تەسكە توختىغانىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ بۇرغا ساداسى ئىچىدە، قەدىمىي خوتەننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدى. قاتناشنىڭ قولايلىشىشى بۇ يەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، ماللارنىڭ كىرىپ - چىقىشى توسالغۇسىز بولدى، ئۇچۇرلار يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇلدى. ئادەم ئېقىمى، مال ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى ئۈزۈلمەي كېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان غايەت زور ھاياتىي كۈچنى شەكىللەندۈردى.

ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى چۆرىدەپ، بۇ يەردىكى ئادەم ۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. خوتەن تۇپرىقىدا ماڭغاندا، بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن بايقىدۇقكى، بۇ يەردىكى ئاممىنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ، يانچۇقى تومپىيىپتۇ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، كۆڭلى يورۇپتۇ، كۈنلىرى بارغانسېرى راھەت، ئازادە ئۆتۈۋېتىپتۇ...

قۇملۇق چوڭ يولغا ئۆزگەردى، كونا قىياپەتنىڭ ئورنىغا يېڭى قىياپەت ئالماشتى. خوتەن ۋىلايىتى ئۈمىدكە تولغان يېڭى مەنزىلگە مەزمۇت قەدەم بىلەن كىرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.