تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە: بۇ يەردە بىر كىشىلىك پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى بار، تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىڭ

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ): ناھايىتى تېزلا يەنە بىر ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى يېتىپ كەلدى، يېڭى ئىشلىگۈچىلەر، تەييارلىقىڭلار پۈتتىمۇ؟ نېمە خىزمەت ئىزدەيسىلەر؟ كەسىپىڭلار توغرا كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟ مائاش تەمىناتىڭلار قانداق بولىدۇ؟ سىلەر ئەنسىرەيدىغان ئىشلارنى ھازىر ياردەملىشىپ ھەل قىلىدىغانلار بار بولدى.

  بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، «100 ئائىلە 1000 كىشى» ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇپ، يىل ئىچىدە يەنە يېڭىدىن 100 كارخانىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسى قىلىپ كۆپەيتىش پىلانلىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىر ئۆتكۈنچى ئارىلىق سۇپا بەرپا قىلىنىدۇ.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىغا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەربىرى ھەر ئايدا 1620 يۈەنلىك ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا پىراكتىكا بازىسىمۇ پىراكتىكا خادىملىرىغا پىراكتىكا ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنىڭ %50ىدىن تۆۋەن بولمىغان تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىدۇ ھەمدە كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى بېجىرىپ بېرىدۇ. ئومۇمەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسىغا كىرگەن خادىملارنىڭ پىراكتىكا ۋاقتى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى ۋاقتى، دەپ قارىلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلماقتا.

  شىنجاڭ مېيچېڭ زەيشيەن خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىيۈكې خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى يولغا قويدى. بۇ يىل 3-ئايدا، ئىككى شىركەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسى بولۇش تەستىقىغا ئېرىشتى.

  «ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، بىز ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نىسبەتەن مۇقىم ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈش يولى بەرپا قىلىشقا شارائىت ياراتتۇق. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ يەنە پىراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە ياردەم تولۇقلىمىسى بار بولۇپ، بىزنىڭ خادىم ئىشلىتىش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە شىركەتنىڭ تەننەرخىنى تېجەپ، يۈكىنى يېنىكلەتتى، ئىش ئورنى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى شىركەت رەسمىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ» دېدى شىركەت ئادەم كۈچى بايلىقى باش نازارەتچىسى ليۇ رۇي.

  ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان داشۆ ئوقۇغۇچىسى شيەن جيې ھازىر دەل شىنجاڭ مېيچېڭ زەيشيەن خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.

  «مەن ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق پىراكتىكا ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپلا تىزىملاتتىم، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى پىراكتىكا مۇددىتىمگە بىر ئاي توشىدۇ. بۇ بىر ئاي ۋاقىتتا مەن ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشكە قاتناشتىم، شىركەت يەنە بىرگە بىر يېتەكلەيدىغان يېتەكچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مېنى ساياھەت كەسپى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ كېيىنكى كەسىپ تاللاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىمنى پىلانلاشقا ئىنتايىن زور ياردىمى بار» دېدى شيەن جيې.

ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىرگە بىر يېتەكچىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلماقتا.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسىدىن 277سى بار بولۇپ، پىراكتىكا ئىش ئورنىنى تولۇق قېزىپ، تور سۇپىسى ئارقىلىق قاراتمىلىق ھالدا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە يوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىلىرىنىڭ ئىش ئورنى تەمىناتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. پىراكتىكا كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىش بىلەن بىللە، پىراكتىكا بازىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق قاراپ چىقىش، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىپ، كارخانا كەسىپ ساھەسى كەڭ، ئىش ئورنى قاتلىمى ئېنىق پىراكتىكا بازىسى سىستېمىسى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى