تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جاۋاب قەغىزى丨شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئاياقچى كەنتى: تاغلىق كەنت «بېلىقچىلىق كەنتى»گە ئايلاندى كىرىم ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولى كۆپەيدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلىگراممىسى: 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردىلا، تۇرغۇن ياسىن بىلەن باقمىچى سۇ ئۆتمەس كىيىم كىيىپ، نەچچە ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بېلىق تورىنى تارتقىنىچە، بېلىق كۆلچىكىنىڭ ئىككى يېنىدا ئاستا-ئاستا يۆتكەلدى. بېلىق تورى يىغىلغان يەردە، سېمىز بېلىقلار ئاستى-ئۈستى سەكرەيتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ يىل باھاردىكى «بىرىنچى كومزەك ئالتۇن»غا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

تۇرغۇن ياسىننىڭ ئۆيى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپخان بازىرى ئاياقچى كەنتىدە، بۇ كەنت چوڭ دەرياغا قارايتتى، كەينىدە تىيانشان تېغى بولۇپ، مول بولغان سۇ بايلىقىغا ئىگە. تۇرغۇن ياسىن قولۇم-قوشنىلار بىردەك ئېتىراپ قىلغان بېلىق بېقىش ماھىرى بولۇپ، پۈتۈن كەنت بويىچە ئۇنىڭ بېلىق كۆلچىكىدىكى بېلىجانلارنىڭ يېتىلىشى ياخشى، پايدىسى يۇقىرى ئىدى.

تاغلىق كەنتتىكى دېھقاندىن «بېلىقچى»غا ئايلىنىش، بۇنداق ئۆزگىرىشتىن تۇرغۇن ياسىن ناھايىتى ھاياجانلاندى.

ئىلگىرىكى ئاياقچى كەنتى تاشقى دۇنيا بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان «يېگانە ئارال» ئىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانلىقتىن، ئىلگىرى قاتناش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى، يەرلىكتىكىلەر تاغدا ياشىسا تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، سۇدا ياشىسا سۇغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بېلىق تۇتسا ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۆز ئۆيىنىڭ تۇرمۇشىنىلا قامدىيالايتتى، كۈنلىرى ئىزچىل غورىگىل ئۆتەتتى. 2012-يىلى كەنت ئېغىزىدا كۆۋرۈك سېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن توسالغۇسىز قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بېلىق بېقىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، ئۇدا نەچچە يىل كەنتتىكى بېلىق كۆلچەكلىرىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ ياسىدى ھەم بەزى ساي، بوز يەرلەرنى يېڭى بېلىق كۆلچىكى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياسىدى. نۆۋەتتە، كەنتتە چوڭ-كىچىك بولۇپ 100دىن ئارتۇق بېلىق كۆلچىكى بار.

دەل بېلىق بېقىش كەسپىگە تايانغاچقا، پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، كەنتتە بېقىلىۋاتقان بېلىق تۈرى نەسىلى ساۋيۈ بېلىقى، ليەنيۈ بېلىقى، جىيۈ بېلىقى قاتارلىق كۆپ خىل نەسىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ بېلىقىنىڭ گۆشى تەملىك بولغاچقا، شۇ جاينىڭ بازىرىنى تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلارغىچە سېتىلدى.

تۇرغۇن ياسىن ئىلگىرى نامرات ئاھالە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى يىلى ئائىلەمدىكىلەر ئاغرىپ قېلىش سەۋەبىدىن، يەنە نەچچە ئون مىڭ يۈەن قەرز ئۈستۈمگە ئارتىلىپ قالغانىدى، «نامراتلىقتىن ئۆيىمىزدە ھەتتا بىر توخۇمۇ يوق ئىدى.» كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، تۇرغۇن ياسىن دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش قەرز پۇلى بېجىرىپ، ئۈچ مو بېلىق كۆلچىكىنى ھۆددىگە ئالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. 2020-يىلى، باقمىچىغا تارقاتقان مائاشنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىر ئۇ يەنە بارلىق قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ بولۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتىكى 30 نەچچە ئائىلە بېلىق كۆلچىكىنى ھۆددىگە ئالدى، بۇ پۈتۈن كەنتتىكى ئائىلە سانىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار تۇرغۇن ياسىنغا ئوخشاش بېلىق بېقىشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، باشقا دېھقان ئائىلىلىرى باقمىچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەنتتىكى بېلىق كۆلچىكىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى، مۇقىم كىرىمىمۇ بولدى. كەنتتىكى باقمىچى تۇردى مەخمۇت مۇنداق دېدى: بىر باقمىچىنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 3500 يۈەن ئەتراپىدا، بۇ، يەر تېرىپ قىلغان كىرىمدىن خېلىلا يۇقىرى.

بىر چۈشتىن بۇرۇن ئىشلەش ئارقىلىق، 17 توننا تىرىك بېلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتوموبىلغا قاچىلاندى. تۇرغۇن ياسىن مۇنداق بىلدۈردى: باقمىچىلىق تەجرىبەمنىڭ كۆپىيىشىنىڭ پايدىسىدا، بۇ يىللىق پايدام ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپ بولدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى