تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى يىللىق تەكشۈرۈشى باشلاندى

شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر شى چۈەنجى) 2021-يىللىق پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش يىللىق تەكشۈرۈشى باشلاندى. پېنسىيەگە چىققانلار تورغا چىقىش شەكلى ئارقىلىق، ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىش سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى بېجىرەلەيدۇ.

4-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىنىشىدىن ساقلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2002-يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك پېنسىيەگە چىققانلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ھەر يىلى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىش سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى قانات يايدۇرغان. ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن دەلىللەشنى بېجىرمىگەنلەرگە ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىشنى توختاتقان. 

دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلارغا قولاي بولۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشىكى ئالدىدا دەلىللەش ئاساسىدا مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئاپتوماتىك دەلىللەش يوللىرى بىلەن تەمىنلىدى. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار «شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» يان تېلېفون APPسىغا چىقىپ، تەمىناتنى دەلىللەشكە كىرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاپتوماتىك دەلىللەش ئېلىش بارسا بولىدۇ؛ «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا چىقىپ، «مېنىڭ» — «ئاممىۋى مۇلازىمەت» — «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سالاھىيىتىنى دەلىللەش»نى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاپتوماتىك دەلىللەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ «دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى»غا چىقىپ، «تەمىنات سالاھىيىتىنى دەلىللەش»نى چېكىپ ئاپتوماتىك دەلىللەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ «يان تېلېفون 12333» يان تېلېفون APPسىغا چىقىپ، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سالاھىيىتىنى دەلىللەش»نى تاللاپ ئاپتوماتىك دەلىللەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

بىڭتۇەندىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار، «بىڭتۇەن 12333» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا چىقىپ، «ئاممىۋى مۇلازىمەت» — «ياشانغانلار كۈتۈنۈش تەمىناتىنى دەلىللەش»نى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاپتوماتىك دەلىللەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. «شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» يان تېلېفون APPسىمۇ بىڭتۇەندىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش تەمىناتىنى دەلىللىشىنى قوللايدۇ.

شەھەرلىك پېنسىيەگە چىققانلارنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش-مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار ئاپتوماتىك دەلىللەش يوللىرىنى ئىشلىتىشنى بىلمىسە ياكى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولسا، باشقىلار ياكى پەرزەنتلىرى ياردەملىشىپ بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ. ياكى ئەسلىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق دەلىللىسە بولىدۇ، بۇ، ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ دەلىللەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار، ھەر دەرىجىلىك پېنسىيەگە چىققانلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق دەلىللەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇقلار كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ تۇرۇشلۇق جايىدىكى مەھەللىگە بېرىپ نەق مەيداندا دەلىللەشنى بېجىرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى