4-ئايدا، ئۈرۈمچى سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇپ كەلگەن شىمالغا قايتقان پەسىل قۇشلىرى بۇ يەرگە جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
ئۈرۈمچى سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سەيۋوپۇ كۆلى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىشقا چەك قويۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى تىكىش، سۇ باشلاپ كۆلنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىنى باشلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كۆل سۈيىنىڭ كۆلىمى يىلمۇيىل ئەسلىگە كېلىپ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى ياخشىلاندى.
پۆپۈچەكلىك قىليورغا (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
ئالىباش ياۋا غاز (تاڭ چۇەنشېڭ فوتوسى).
كۆك غاز (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
كۆك غاز (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
ئاق قۇ (تاڭ چۇەنشېڭ فوتوسى).
سېرىق سۇندۇك (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
ئاققوتان ۋە كۆك غاز (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
ئاققوتان (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
قىزىل پاچاق قىليورغا (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
قىزىل پاچاق قىليورغا (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
ھاڭگىرت (لى چۇنچياۋ فوتوسى).
يىڭنە قۇيرۇقلۇق ئۆردەك، قىزىل قانات ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى توپ بولۇشۇپ كۆل ئەتراپىغا يىغىلدى. (لى چۇنچياۋ فوتوسى)
ئاپتور: شۈ دەنۋېي
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى)