ئاپتورلار: كوۋ خاۋ، ياڭ يىشۈەن
4-ئايدا، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى، بۇ دەل سىرتقا چىقىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى مەزگىل. شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە، 100 مو يەردىكى ئۆرۈكلۈك بەئەينى ھال رەڭ شەپەق نۇرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈلباغ كەنتى بارىن ئۆرۈكى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت، ئىستىراھەت، ئۈزۈش بىر گەۋدە قىلىنغان 100 مولۇق ئۆرۈكلۈك باغ بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىش، ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: ئاقتۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى