تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي

پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا (2020-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، 2020-يىلى، شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 161 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %87.3ىنى ئىگىلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

  خەلق تورى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ. تىيانشان تاغ تىزمىسى ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدا» بولۇشتەك ئۆزگىچە يەر شەكلى ئاجايىپ ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك مەنزىرە ۋە رەڭگارەڭ تەبىئىي مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان تاغلار، ھاياتىي كۈچكە تولغان بوستانلىقلار، بىپايان قۇملۇقلار، كۆز يەتكۈسىز چۆل-جەزىرىلەر...كەڭ كەتكەن تاغ-دەريالارنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىملىرى ھەيۋەت بىلەن ئېچىلدى.

  شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، مەركەزلەشكەن. ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت رەڭگارەڭ باغۋەنچىلىك بازىسى ۋە مول، كۆپ خىل بايلىق مەنبەسىنى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇغداي باشاقلىرى ئالتۇندەك چاقناپ، شالنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالغان، شاماللار يەلپۈنگەن يايلاقلاردا كالا-قويلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۈزۈم، مېۋە-چېۋىلەر تاتلىق ھەم شېرىن، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش ھەممە يەرگە يوشۇرۇنغان... شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا، ھەممىلا يەردە جۇشقۇن ئۈمىد مەۋج ئۇرماقتا.

  شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر. ئۇزاق تارىخى ۋە ئالاھىدە ئورنى ئۆزگىچە قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەتنى ئوزۇقلاندۇرماقتا. كۆپ مىللەت ئىناق بولۇپ، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، كۆپ خىل مەدەنىيەت سىغدۇرۇلغان ھەم توپلانغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. خوتەن تۇەنچېڭدا، بالىلار چېپىشىپ ئوينىدى؛ تۇلپار يۇرتىدا، چارۋىچىلار قارلىق دالىدا ئاتلىرىنى چاپتۇردى؛ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىلدى... كوچا- رەستىلەردە، ناخشا ساداسى ياڭراپ، لەرزان ئۇسسۇللار ئوينىلىپ، قۇياش ھەربىر تەبەسسۇملۇق چېھىرلەرگە نۇر چاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى