تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى باشلاندى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2021-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدە باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىدە شۆبە مۇسابىقە نۇقتىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ شىخەنزە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق 21 كەسپىي ئالىي مەكتەپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇسابىقىدە 93 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەسپىي مەكتەپلەر تەسىس قىلغان كەسىپ چوڭ تۈرلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇسابىقە تۈرلىرى ھەم ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا يېقىن، ھەم كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى نامايان قىلغان. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يەرلىك ۋە بىڭتۇەندىكى جەمئىي 160 كەسپىي ئالىي مەكتەپ ۋەكىللەر كوماندىسىنى تاللاپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن، مۇسابىقىگە جەمئىي 3432 ئادەم قاتناشقان.

  «مەن قاتناشقان بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى ۋە قوللىنىش جەريانى خۇسۇسىي بۇلۇت، ئومۇمىي بۇلۇت ۋە ئارىلاش بۇلۇتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەككە چېتىلىدۇ.» ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر گو جياڭبىن مۇسابىقە باشلانغان تۇنجى كۈنى نۇرغۇن نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇ 5-ئايدىكى دۆلەتلىك مۇسابىقىگە ئاتلىنىش ئىشەنچىسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  مەملىكەتلىك كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسى دۆلەت كەسپىي مائارىپ ساھەسىدە يولغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تۈزۈم لايىھەسى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. 2020-يىللىق مەملىكەتلىك كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىدە دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە مۇسابىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىل ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇسابىقىسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى