تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لازا بېيىش يولىنى «قىزارتتى»

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

    خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، «一»(بىر) خېتى شەكلىدە رەت-رەت ياسالغان، كۆز يەتكۈسىز دائىرىدىكى 150 مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىغا ياپيېشىل لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش تەخسىسى تىزىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

لازا قۇرۇتۇش مەيدانى. خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت

    باكىدۆڭ كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، يىل بويى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى بولىدۇ، يېرى ئۈنۈمسىز ھەم شورلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز. بۇ يەردە كەنت ئاھالىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلغاچقا، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يۇقىرى ئەمەس ئىدى.

    2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تېرىش ئېھتىياجى يۇقىرى، دەۋرىيلىكى قىسقا، پايدىسى يۇقىرى بولغان «خو خې» پىگمېنتلىق لازىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ باكىدۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى شۈ يوۋلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، كەنتتە 600 مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە لازا ئۆستۈرۈلدى، شۇ يىلقى لازا ئۆستۈرۈش چېمپىيونى تۆت مو يەردىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەپكە ئېرىشتى، بۇ بىردىنلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا ئۆستۈرۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنت بويىچە لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 2300 موغا يېتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم 4 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باكىدۆڭ كەنتىلا ئەمەس، يېزىدىكى نۇرغۇن دېھقان لازا ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. نۆۋەتتە پۈتۈن يېزىنىڭ لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 30 مىڭ موغا يېتىپ، ئائىلىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7500 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولدى.

    لازا تېرىقچىلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، تەۋەككۇل يېزىسى لازا پىششىقلاش كەسپى باغچىسى بەرپا قىلىپ، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش، تېخنىكا تەلىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سۇ، ئوغۇت باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كېسەللىك ۋە  ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرتۇتاش ئۈزۈش، سېتىۋېلىش» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىسىدا، 2019-يىلى، كەنت لازا پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان شىنجاڭ لۇڭپىڭ گاۋكې خۇڭئەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 20 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلىپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، زامانىۋى لازا پىششىقلاش كەسپى باغچىسى قۇرۇپ چىقتى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، يېزىدا يەنە لازا تېرىقچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت پونكىتى، لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش بازىسى، لازا پىششىقلاش سېخىدىن ئىبارەت «بىر پونكىت، بىر بازا، بىر سېخ» تېرىقچىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، تەۋەككۇل يېزىسىدا قىزىل كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىندى.

    خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى لازىچىلىق كەسپى باغچىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېزىز ئىمىن توختى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: لازىچىلىق كەسپى باغچىسى دېھقانلار ئۆستۈرگەن پىگمېنتلىق لازىلارنى قۇرۇتۇش، لازا ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىش، لازا پوستىنى يانجىپ دانچە ياساش، پىگمېنت ئايرىۋېلىنىپ ئېشىپ قالغان غولىدىن يەم-خەشەك ياساشقا مەسئۇل بولدى. لازىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، پىگمېنتلىق لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىش، ئېتىز پەرۋىشى، يىغىۋېلىش، قۇرۇتۇش، دانچە ياساشتىن تارتىپ لازا غولىدىن يەم- خەشەك پىششىقلاشقىچە بولغان كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ، پىگمېنتلىق لازىنىڭ «ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    لازىچىلىق كەسپىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2021-يىلى خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى 10-تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان كەنت-بازار بولۇپ تاللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى