تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ پاختىسىنى قوغدايمىز

شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى:

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ پاختىسىنى قوغدايمىز

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توسۇشى كىشىنى چەكسىز غەزەپلەندۈرىدۇ. شىنجاڭ كەسپىي داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە كەسكىن ھالدا شۇنداق بايانات ئېلان قىلىمىزكى: بىز ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ قەبىھ قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ پاختىسىنى قوغدايمىز!

شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كىلىمات شارائىتى كېۋەز تېرىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى دۇنياغا داڭلىق. مەكتىپىمىزدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئائىلىسى كېۋەز تېرىش، پاختا تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پاختا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، نەدىمۇ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن گەپ بولسۇن؟

مەكتىپىمىزدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلار يېزىدىن كەلگەن، ئۇلار مەكتەپتە كەسپىي ماھارەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى تاماملاپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكتەپ تونۇشتۇرۇش، قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، مەمۇرىي خادىم، كارخانا خىزمەتچىسى بولدى، مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە تايىنىپ ۋە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ كىشىلىك ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

مەكتىپىمىز چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى قوللىنىشچان رۇس تىلى كەسپىنىڭ 2017 - يىللىق 2 - سىنىپتىكى ساۋاقداش ئىدىرىس مەخمۇتنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھال - كۈنى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، مەكتەپ ئۇنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىھات ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئوقۇشنى تاماملىدى. ھازىر، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى بولدى، ھەر ئايدا ئائىلىسىگە پۇل ئەۋەتىپ، ئائىلىسىنىڭ تايانچىغا ئايلاندى.

جۇڭگو تىلى شۆيۈەنى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى كەسپىدىكى ساۋاقداش چېنارگۈل ئەتەي قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قارلىق دالىدا ئات چاپتۇرۇش سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ، يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ تەكلىپكە بىنائەن قومۇل داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ، «پەخرىي ئەزا» شەرىپىگە ئېرىشتى، يەنە «باركۆلدىكى يۇرتىغا قايتقان مۇنەۋۋەر داشۆ ئوقۇغۇچىسى» بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭ يۇرتىنى تەشۋىق قىلغان ھېكايىلىرى كۆپ قېتىم تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنىپ، كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى، ئۇ يۇرتىنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسىگە ئايلاندى!

ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر جانلىق پاكىتنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، شىنجاڭدا نەدىمۇ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت بولسۇن؟ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جەزمەن قەتئىي تۈردە باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى: بۈگۈنكى شىنجاڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ! بىز ھەربىر شىنجاڭلىق ياش كىشىلىك ھايات غايىمىزنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈشنى خالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالايمىز! بۇ يەنە بىز ھەربىر جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.