تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۈچ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى ئېغىر دەرىجىدە خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلىدى. 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيجىڭدا 7 - مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن دۇنياغا پاكىت، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر ئاتالمىش «شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات تۈرى» «شىنجاڭدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» «ئۇيغۇر ئۆتكۈنچى مەزگىل ئەدلىيەلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بىر تۈركۈم ئاتالمىش «گۇۋاھچى، گۇۋاھلىق سۆزى»نى ئۆزىگە تارتىپ ۋە توپلاپ، يالغاننى راست دەپ كۆرسىتىپ، شىنجاڭغا تۆھمەت چاپلاپ، كىشىلەرنى ئالداشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

بىمەنە سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭغا ئالاقىدار «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»دا تىلغا ئېلىنغان ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئۈچ «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» جەمئىي 12050 كىشىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغىنى 10708 كىشى، 1342 كىشى ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان 10708 كىشى ئىچىدە، 6962 كىشى جەمئىيەتتە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. 3244 كىشىگە خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ۋە باشقا جىنايى ئىشلار جىنايىتى بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىنغان، 238 كىشى كېسەل قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆلۈپ كەتكەن، 264 كىشى چېگرا سىرتىدا. ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»دىكى بىر قىسىم «گۇۋاھچى»لار ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ياللانغان، چېگرا سىرتىدا شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان «ئارتىس»لاردۇر. ئۇلار «مۇساپىر» سالاھىيىتىگە ئالداپ ئېرىشىۋېلىش، ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ «پىچكا»سى بولۇشقا رازى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئاتالمىش «كەچۈرمىش»لىرىنى كۆپ قېتىم ئويدۇرۇپ چىقاردى، ئەمما بۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىر - بىرلەپ پاكىت، ئەمەلىي ئەھۋاللار تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات تۈرى»نى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت تەتقىقات ئورنى» قۇرغان؛ «شىنجاڭدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»نى ئامېرىكىلىق بىن جىئېن جۇڭگوغا قارشى «مۇتەخەسسىس» داررېن بايلور، «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرى تاھىر ئىمىن قاتارلىقلار بىلەن شېرىكلىشىپ قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن؛ «ئۇيغۇر ئۆتكۈنچى مەزگىل ئەدلىيەلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»نى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قارىمىقىدىكى «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى»نىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا «دۆلەت دېموكراتىيە ئىئانە فوندى جەمئىيىتى»نىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۇ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»نىڭ ھەممىسىنى بىردەك خەلقئارادىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى تەشكىلاتلار، كىشىلەر ياكى «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ كۆلەڭگىسى بار.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئەكبەر ئەكرەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»دا زور مىقداردا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، بۇرمىلانغان، پايدىلىنىپ كېتىلگەن كىشىلەر بار. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغاچقا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىلگەن، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» ئەمەس.

شۈ گۇيشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زور مىقداردىكى دەلىل - ئىسپاتلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىققان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» سېپى ئۆزىدىن «ساختىلىق ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئامبىرى» «پىتنە - ئىغۋا ئامبىرى» «ساختا دەلىل - ئىسپات ئامبىرى» بولۇپ، ئۇچىغا چىققان يالغاننى توقۇش، بوھتان چاپلاپ ھۇجۇم قىلىش بىلەن تولغان. ھالبۇكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت سىياسەتۋازلىرى، تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماي، تەھلىل قىلماي، ئاق - قارىنى ئايرىمايلا، بۇ ئاتالمىش «تەتقىقات نەتىجىلىرى» ۋە «گۇۋاھچى، گۇۋاھلىق سۆزى»گە گۇمانسىز ئىشەندى، ھەتتا نومۇسسىزلارچە بىرقىسىم «ئارتىس»لارنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئاتالمىش مۇكاپات تۈرلىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دېگەن رەڭدە بويىدى ھەم مۇشۇ ئارقىلىق شىنجاڭغا «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» «ئىرقىي يوقىتىش» دېگەن قالپاقنى كىيگۈزدى، بۇ، ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك!

ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، يەنە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، پاختا قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.