تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 3 - ئايدىكى يولۇچى كىرىش - چىقىش مىقدارى %132.3 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 3 - ئايدىكى يولۇچى كىرىش - چىقىش مىقدارى، يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرىش - چىقىش مىقدارى ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش - قونۇش قېتىم سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليون 690 مىڭ ئادەم قېتىم، 10 مىڭ 100 توننا، 13 مىڭ 400 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %132.3، %14.3، %77.5 ئاشقان.

يولۇچىلار سەپەر ئېھتىياجىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەگە يەتكەن، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى 430 ئايروپىلان قېتىم ئەتراپىغا يەتكەن، بېسىق كۈنلەردە نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى 458 ئايروپىلان قېتىمغا يەتكەن؛ يولۇچى كىرىش - چىقىش مىقدارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ، كۈندە ئوتتۇرىچە 54 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا، بېسىق كۈنلەردە 59 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنفېڭ ئاۋىياتسىيەسى تولۇق يۈك ئايروپىلانىنىڭ 43 ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرىش - چىقىش مىقدارى 753.34 توننا ئورۇندالدى. بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرى خەلقئارا يۈك ھۆددە ئايروپىلان تىجارىتى ئەسلىگە كەلدى، بۇ ئايدا خەلقئارا يۈك ھۆددە ئايروپىلانى 62 ئايروپىلان قېتىم قاتناپ، پورتقا كىرگۈزۈلگەن - چىقىرىلغان يۈك مىقدارى 1303.58 توننا ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.48 ئاشتى، تولۇق يۈك ئايروپىلانى ئارقىلىق پورتقا كىرگۈزۈلگەن - چىقىرىلغان يۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئومۇمىي گەۋدە يۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 1 - پەسىلدىكى يولۇچى كىرىش - چىقىش مىقدارى، يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرىش - چىقىش مىقدارى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش - قونۇش قېتىم سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 مىليون 734 مىڭ 300 ئادەم قېتىم، 27 مىڭ 900 توننا، 31 مىڭ ئايروپىلان قېتىم ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %47.8، %18.9، %37.3 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.