تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇرۇقچىلىق كەسپىگە 2 مىليارد 274 مىليون يۈەن ئوتتۇرا - ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل تارقىتىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش دەۋرى ئۇزاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، شىنجاڭ بانكىچىلىق كەسپى ئوتتۇرا - ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل تارقىتىشنى سىجىل ئاشۇرغان. 2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىقتىن يۇقىرى ئوتتۇرا - ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل كۆلىمى 2 مىليارد 274 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %33.9 ئېشىپ، بارلىق ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى قەرز پۇلىنىڭ %45.62ىنى ئىگىلەپ، قەرز پۇل مۇددىتى بىلەن مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش دەۋرى ماسلاشماسلىق مەسىلىسى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلگەن.

ئۇرۇقچىلىق كەسپى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئاساس خاراكتېرلىك يادرولۇق كەسپى. خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشنى مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قوللاشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە تەمىناتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ يېنىك مۈلۈك، ئاجىز رەنىلىك تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال يېتەكلەپ، «يېزا ئىگىلىك قەرزىنى راۋانلاشتۇرۇش» «ئىناۋەت e قەرزى» «كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلىدىغان تېز قەرز» «سودىگەرلەرگە ياردەم بېرىش قەرزى» «باشلامچى ئائىلە e قەرزى» قاتارلىق كۆپ خىل ساپ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئامبار تالونىنى رەنىگە قويۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئۇرۇقلۇق ھوقۇقى رەنىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارنى ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، قەرز پۇل ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. يېزا ئىگىلىك بانكىسى سانجى شۆبە بانكىسى «ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ئۇرۇقلۇق ھوقۇقى»نى رەنە بۇيۇم قىلىپ، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىگە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ئۇرۇقلۇق ھوقۇقى» رەنىلىك قەرز پۇلىدىن 50 مىليون يۈەن بېرىپ، كارخانىنىڭ رەنە بۇيۇمى يېتىشمەسلىكتەك مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بانكا بىلەن كېپىللىك شىركەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، نۇقتىلىق ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى ۋە ئۇرۇقچىلىق تۈر ئامبارلىرىنى قۇرۇپ، كارخانىلار تەرەققىياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچىغا قارىتا، تۈرگە ئايرىپ قىيىنچىلىقنى يېنىكلىتىپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ پەرقلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك قاندۇردى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مالىيە ياردەم ئۆسۈمى، ھۆكۈمەت مۇكاپات تولۇقمىسى، خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.