تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليارد 34 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئاپتونوم رايون 1 مىليارد 34 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن مۇساپىلىك، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشقا ئىشلەتتى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارنىڭ تۈر دائىرىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولغان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارنىڭ تۈر دائىرىسى 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە بولغان 15 چوڭ تۈر، 42 كىچىك تۈردىكى 153 خىل بۇيۇم مۇندەرىجىسىدىن 15 چوڭ تۈر، 44 كىچىك تۈردىكى 172 خىل بۇيۇم مۇندەرىجىسىگە تەڭشەپ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئاشلىق، پاختا قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ھەمدە تىرىك چوشقا قاتارلىق مۇھىم چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ئاساسلىق ماشىنا - سايمان، ئۈسكۈنىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلايدىكەن. شىنجاڭدا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارنىڭ تۈر دائىرىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمنى ساقلىغان، نۆۋەتتە «2021 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارنىڭ ياردەم تولۇقلىما سوممىسى جەدۋىلى» جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان.

بۇ قېتىم تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسىدا چارۋىچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاش ماشىنا - سايمانلىرى ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىق ماشىنا - سايمانلار بۇيۇم مۇندەرىجىسى نۇقتىلىق كۆپەيتىلىپ، رايون ئىچىدە ساقلىنىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆپ، تېخنىكىسى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ماشىنا - سايمانلار بۇيۇم مۇندەرىجىسى ياكى دەرىجە تەرتىپى ئازايتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن مۇساپىلىك، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى يەنىمۇ قاندۇرۇلدى.

ياردەم تولۇقلىمىسىدا يەنە مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كۈچەپ گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئاشلىق، پاختا، تىرىك چوشقا قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ماشىنا - سايمانلارنىڭ ھەممىسى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، تولۇقلىما بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق تولۇقلىما بېرىلىدۇ. شال مايسىسى يېتىشتۈرۈش، قۇرۇتۇش، ئۆلچەملەشكەن چوشقا قوتىنى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۈرۈشلۈك ئەسلىھە، جابدۇقلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، كېڭەيتىش، قوللىنىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالاھىيىتى جەھەتتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش كۈچەپ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى ياردەم تولۇقلىمىسى جەھەتتە، ھەربىر پاختا يىغىش ماشىنىسى(ئۈچ قۇر بويىچە ئاپتوماتىك ماڭىدىغان، تايلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)غا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى بۇلتۇرقى ھەربىر ماشىنىغا 300 مىڭ يۈەن بېرىشتىن كۆپەيتىلىپ ھەربىر ماشىنىغا 400 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ، ھەربىر پاختا يىغىش ماشىنىسى(بەش قۇر بويىچە ئاپتوماتىك ماڭىدىغان، تايلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)غا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى بۇلتۇرقى ھەربىر ماشىنىغا 530 مىڭ يۈەن بېرىشتىن كۆپەيتىلىپ ھەربىر ماشىنىغا 600 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ.

ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى جەھەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن نورمىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق بازاردا سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى %30تىن ئېشىپ كەتمەسلىك نىسبىتى بويىچە ھەرقايسى دەرىجىدىكى ياردەم تولۇقلىما سوممىسى ھېسابلاپ بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىما سوممىسى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم تولۇقلىما سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش جەھەتتە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، كۆپ تەرەپتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق بولۇش جەھەتتە، ياردەم تولۇقلىما ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە مەبلەغنى نەقلەشتۈرۈشنى چەك قويۇپ بېجىرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، بېجىرىش مۇددىتى يەنىمۇ قىسقارتىلىپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋاقتى 30 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، ئاشكارىلاش ۋاقتى 20 كۈندىن بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، مالىيە تارماقلىرىنىڭ نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى 30 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، دېھقانلار سىياسەتتىن تېز نەپكە ئېرىشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.