تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

دىققەتنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، 1 - پەسىلدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى ھەم 2 - پەسىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، «2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ۋە خىزمەت قائىدىسىگە قاراپ چىقتى، ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، باشلىنىشى ياخشى بولدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، كەسىپ تەرەققىياتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - كىرىم قىلىش، مۇھىتنى تۈزەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي، ئىنچىكە، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك. دىققەتنى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى تاۋلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق، پاختا، باغ - ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نان، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، «زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى+ خاس مەدەنىيەت ساياھىتى» تۈر ھەمكارلىقى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ ئاساسى ئالىيلاشقان، كەسىپ زەنجىرى زامانىۋىلاشقان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىش ئارقىلىق، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، زىرائەت ۋە باغ - ئورماندىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاۋارايىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ دەل جايىدا بولۇش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى. ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە يېزا ئاياللىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىر تۈركۈم تىپلارنى قېزىپ، تاللاپ تۇرغۇزۇپ، تىپ ئارقىلىق يول باشلاپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشقا ئاتلىنىشتەك ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇل تېشى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تەشكىللەش، يېتەكلەش، جەمئىيەت مۇلازىمەت قىلىش، دېموكراتىك قاتنىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.