تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ كىشىلەر توپى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشكە ماس كەلمەيدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز تەستىقلىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكى توغرىسىدا ياخشى دەلىل - ئىسپات بار، بىز ئاممىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش، قوشۇلۇش، ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدىغان كېسىلى بارلارنى چىقىرىۋېتىش ئالدىنقى شەرتىدە، ۋاكسىنا ئەملەشكە پائال قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.» 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش جەريانىدىكى كىشىلەر بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سۆز تېمىلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاشنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې نا چۈشەنچە بەردى.

شيې نا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ھەممىسىدە قائىدە بويىچە كىلىنىكىلىق تەتقىقات قانات يايدۇرۇلغان، دۆلەت دورا نازارەتچىلىك تارماقلىرىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن ھەم قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ. ۋاكسىنا ساقلاش ۋە توشۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا تېمپېراتۇرا قەرەللىك خاتىرىلىنىپ، ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ۋاكسىنا ئەملەش جەريانىدا خادىملارنى تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، تېببىي خادىملاردىن «ئۈچنى تەكشۈرۈش، يەتتىنى سېلىشتۇرۇش، بىرنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش»تىن ئىبارەت قېلىپلاشقان مەشغۇلات قىلىشنى قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىكلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن تارقالغان خەۋەرگە قارىغاندا، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 24كە قەدەر، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي دوكلات قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش سانى 100 مىليون دانە قېتىمدىن ئاشقان. «شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان 69 دۆلەتنى ھەقسىز ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، 43 دۆلەتكە ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلدى، بۇمۇ ۋاكسىنىمىزنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى شيې نا.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ياكى ۋاكسىنا تەركىبلىرىگە زىيادە سەزگۈرلەر، ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن ئېغىر زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى (مەسىلەن، جىددىي زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى، قان تومۇر نېرۋا خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىقى، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلار) يۈزبەرگەنلەر، قىزىش مەزگىلىدە ياكى جىددىي كېسەل، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار، ئېغىر سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كونترول قىلىنمىغانلار، ھامىلىدار ئاياللار قاتارلىقلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشكە ماس كەلمەيدۇ.

سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئېغىر ئاغرىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى بولغاچقا، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار كېسەل قوزغىلىش مەزگىلىدە بولمىغان، سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرگەن ئەھۋالدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتسە بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، پېنسىلىن تەركىبىي يوق، ئىلگىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم رېئاكسىيە قىلىدىغان ياكى گۈل چېڭى، باشقا دورىلار (مەسىلەن: پېنسىلىن) رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپى سالامەتلىك ئەھۋالى ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ.

«ئامما ۋاكسىنا ئەملەتكەندە دوختۇرغا تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ھەم ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخى، زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولۇش تارىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئېيتىپ، دوختۇرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەشكە ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى ئۇنىۋېرسال باھالىشى، ھۆكۈم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىشى كېرەك.» شيې نا مۇنداق دېدى: ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن مەلۇم بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ۋاقتىنچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.