تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شۇنداق ياخشى خىزمەت مۇھىتىدا نەدىن كەلگەن «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»كەن؟

شىنجاڭ فۇلى جېنلۇن پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى:

شۇنداق ياخشى خىزمەت مۇھىتىدا نەدىن كەلگەن «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»كەن؟

يېقىندا، قىسمەن چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىغا بوھتان چاپلىدى، قارا چاپلىدى، بۇنىڭغا قارىتا شىركىتىمىز كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

شىنجاڭ فۇلى جېنلۇن پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 4500 يۈەن ئەتراپىدا. شىركەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»غا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خىزمەتچىلەر ئۈچۈن «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»نى تاپشۇرۇپ بەردى، سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى. خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، شىركەت يەنە ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىغا پىڭخېڭچې قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى. شىركەتنىڭ بارلىق توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاپتوماتلىشىش، رەقەملىشىش، ئۈزلۈكسىزلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، خىزمەتچىلەر پەقەت ئاددىي ھالدا ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى نازارەت قىلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. سېخ ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسى تۇراقلىق، مۇھىتى پاكىز، رەتلىك، ئادەم بەدىنى راھەت ھېس قىلىدۇ. شىركەت يەنە ھەربىر خىزمەتچىنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلىدى، ھەربىر ئېغىز ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور، كەڭ بەلباغلىق تور ۋە ئايرىم ھاجەتخانا بار، 24 سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، شىركەت ھەر يىلى يەنە كىشى بېشىغا 4000 يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەر خىل پاراۋانلىق تارقىتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ، بۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىركىتىمىزدە، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرى بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ھەممىسى تەدرىجىي ھالدا شىركەتنىڭ تايانچ كۈچى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، مائاش تەمىناتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى. بەزى خىزمەتچىلەر ئاپتوموبىل، ئۆي سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئاتا - ئانىسى، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېنىغا ئەكېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن خىزمەتچى يەنە ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، بىر كەنتتىكى يۇرتداشلىرىنى شىركەتكە كېلىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇردى. 11 - سېخ B بەندىكى ئىنچىكە يىپ ئالماشتۇرۇش ئىسمېنىسىدىكى ئىشچى قۇربان ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى 2017 - يىلى بىرلىكتە شىركەتكە كېلىپ ئىشلىگەن. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاچىسى ۋە شۇ كەنتتىكى خېلى كۆپ ياشنى شىركەتكە كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تونۇشتۇردى، يەنە ئانىسى ۋە بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر، قۇربان ئەلىنىڭ بالىسى شىركەت ئەتراپىدىكى قىزىل بايراق مەھەللىسى يەسلىسىدە ئوقۇيدۇ. بۇنداق ياخشى خىزمەت مۇھىتى ۋە تەمىنات شارائىتىدا، نەدىمۇ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت بولسۇن؟

شىركىتىمىزدە خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ماھارەت، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە قېرىنداشلىق مېھرى ۋە دوستلۇق مېھرىگە ئېرىشتى. سېختىكى ھەربىر بەن - گۇرۇپپا خۇددى بىر كىچىك ئائىلىگە ئوخشايدۇ، خىزمەتچىلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق بىللە ئۆتۈپ، چوڭقۇر ھېسسىيات ئورناتتى، ئۇلار خىزمەتتىكى ياخشى ھەمراھلار بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمراھلاردۇر. شىركەت يەنە قوشماقلىشىش، دوستلىشىش، تۇغقانلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ۋاسىتىچى بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت خىزمەتچىلەرنى تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ يېقىن قىلدى.

ئاپئاق، نۇقسانسىز شىنجاڭ پاختىسىغا ھەرقانداق كۈچنىڭ داغ تەگكۈزۈشىگە، قارا چاپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمىزكى، سىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك سۇيىقەستىڭلار ۋە قىلمىشىڭلار پەقەت مەغلۇبىيەت بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.