تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى خام خىيال قىلماڭلار

□قومۇل شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئابلىز

پومپېئو ۋە جېڭ گوئېننىڭ شىنجاڭغا ئائىت كەلسە - كەلمەس بىلجىرلاشلىرى پۈتۈنلەي پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇش بولۇپ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل، «ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن - ئىشلەنمىگەنلىكىگە پومپېئو، جېڭ گوئېندىن ئىبارەت بۇ «سىياسىي ۋىرۇس»لارنىڭ قول تىقىپ ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ مائارىپىدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. مەن كىچىكىمدىن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا چۆمۈلۈپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا تەلىم بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىپ، كىشىلىك ھايات نىشانىمنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىشى مېنى تەسىرلەندۈردى. شۇڭا، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇشقا ئىرادە باغلىدىم. 30 يىلدىن بۇيان، مەن مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئىستىكىم بىلەن، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ئارقىلىق، بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىدىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، ئىزچىل مائارىپ سېپىدە ئۆز كۈچۈمنى قوشۇپ كەلدىم. بولۇپمۇ مەن قومۇل شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، مەكتەپ 2011 - يىلى يېڭى مەكتەپ رايونىغا تولۇق كۆچۈپ چىقتى، سىنىپلار تېخىمۇ ئازادە، يورۇق، فۇنكسىيەلىك سىنىپلارنىڭ تۈرى تېخىمۇ تولۇق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇھىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. 2009 - يىلىدىن ھازىرغىچە، 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق كۇرس نومۇر چېكىگە يېتىش نىسبىتى ئۇدا كۆپ يىل %100كە يەتتى. نەچچە ئون ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى كەينى - كەينىدىن بېيجىڭ داشۆ، فۇدەن داشۆ، جېجياڭ داشۆ، جۇڭگو خەلق داشۆسى، جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى قاتارلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.

قومۇلدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا، ئىچكىرى رايونلاردىكى مائارىپى ئىلغار ئۆلكە، شەھەرلەر يەنە قومۇلغا داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، ھەر مىللەت بالىلارنى تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم مائارىپىدىكى پەرقنى كىچىكلەتتى. بۇ ئېتىبار سىياسەتلەر قومۇلنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، دېھقان بالىلىرىنى ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ياخشى ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى، پومپېئو، جېڭ گوئېن، سىلەرنىڭ رەزىل غەرىزىڭلار ئاللىقاچان ئاشكارىلاندى، بىز ھەرگىز ئالدانمايمىز! بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى خام خىيال قىلماڭلار!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.