تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۈشتەك رەزىل قىلمىشنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پاختا - چىگە شىركىتىنىڭ داخېيەن 2- دەرىجىلىك پونكىتى:

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۈشتەك رەزىل قىلمىشنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» جىنايىتىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭ پاختىسى ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك تەمىنلەش زەنجىرىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتتى. يېقىندا، بەزى خەلقئارا كىيىم - كېچەك ماركىلىرى كارخانىلىرى شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ھەتتا جۇڭگونىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ نام - شۆھرىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، يامان تەسىر پەيدا قىلدى.

بىز شىنجاڭ پاختىسى توغرىسىدىكى بەزى پاكىتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يامان غەرەزدە تۆھمەت قىلىشى ۋە داغ تەگكۈزۈشىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىش زۆرۈر دەپ قارايمىز.

بىرىنچى، شىنجاڭ كېۋەز تېرىشقا، ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتقا ئىگە، ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنىڭ بىرىكىش رولى تولۇق، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى ئۇزاق. شۇڭا، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھېسابلىنىدۇ. مەھسۇلات مىقدارىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بولغاچقا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلاردا ئۇزاق مەزگىل ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىزچىل زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، كېۋەز تېرىقچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. كەڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش، ياخشىلاش، كېۋەزدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىنى ئىلمىي ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پاختا سۈپىتىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلدى. تەييار پاختا ئوبوروتى، توشۇش، سېتىش ھالقىسىدا، دۆلەت تالا تەكشۈرۈش تارماقلىرى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىن تەكشۈرۈش قوشۇنى ئاجرىتىپ، پىششىقلانغان ھەربىر تاي ساپ پاختىغا قارىتا دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ باردى. شۇڭا، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى پۈتۈنلەي كاپالەتكە ئىگە.

ئىككىنچى، ئىلگىرىكى يىللاردا، پاختا تېرىش پەسلىدە پاختىچىلىق كەسپى ھەقىقەتەن كۆپ مىقداردىكى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولاتتى، پاختا تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەممىسى بىرقەدەر يۇقىرى پاختا تېرىش كىرىمىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن، ئۆزلۈكىدىن، ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن تېرەتتى، «مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا ھەر يىلى 9 -، 10 - ئايلاردا، ئىچكىرى رايونلاردىكى سىچۇەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇنلىغان كىشى شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىش ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىكتىكى يېزىلاردىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىمۇ پاختا تېرىش قوشۇنىغا قوشۇلاتتى. 50 كۈندىن ئىككى ئايغىچە بولغان پاختا تېرىش پەسلىدە، پاختا تەرگۈچىلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئادەم 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايتتى. ئىچكىرى رايونلاردىكى پاختا تەرگۈچىلەر يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتەتتى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا يۇقىرى دەرىجىدە ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، پاختا تېرىش پەسلىدە كۆپ مىقداردىكى پاختا تەرگۈچىلەرگە ئەسلا ئېھتىياج چۈشمەيدىغان بولدى. شۇڭا، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق.

ئۈچىنچى، شىنجاڭ قانۇنچىل جەمئىيەت، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ھەممىسى قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتى بار. مەسىلەن، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئامما شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ئاشخانىلارنى خەينەن، يۈننەن قاتارلىق جايلارغىچە ئاچتى، شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئامما تىجارەت قىلىدىغان خاس قۇرۇق مېۋە دۇكانلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە تارقالدى، نۇرغۇن كىشىلەر يەنە ئىچكىرى رايونلاردىن ئۆي سېتىۋېلىپ ماكانلاشتى. شۇڭا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئېيتقان ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي قالايمىقان جۆيلۈگەنلىك.

بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بىز ھەرقايسى دۆلەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، خەلقنىڭ بەختى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز پىتنە - ئىغۋانىڭ ئاقىللار ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا، ئادىللىقنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.